باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز چاۋشيەننىڭ يەنە بىر قېتىم يادرو سىنىقى قىلغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

2017.09.04 15:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز 3-سېنتەبىر چاۋشيەننىڭ يەنە بىر قېتىم يادرو سىنىقى قىلغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى. باياناتنىڭ تېكىستى تۆۋەندىكىچە:چاۋشيەن دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى بۈگۈن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك قارشى تۇرۇشىغا قارىماي، يەنە بىر قېتىم يادرو سىنىقى قىلدى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ ۋە كۈچلۈك ئەيىبلەيدۇ.

  چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇش، يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتمەسلىك سىستېمىسىنى قوغداش، شەرقىي شىمالى ئاسىيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش ـــــ جۇڭگونىڭ مۇستەھكەم مەيدانى، شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. بىز چاۋشيەننى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇش مەسىلىسىدىكى مۇستەھكەم ئىرادىسىگە توغرا مۇئامىلە قىلىپ، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئالاقىدار قارارىغا ھەقىقىي رىئايە قىلىپ، ۋەزىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدىغان ۋە ئۆز مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان خاتا ھەرىكەتلەرنى توختىتىپ، مەسىلىنى سۆھبەتلىشىپ ھەل قىلىش يولىغا قايتىشقا دەۋەت قىلىمىز.جۇڭگو خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىر يولدا تۇرۇپ، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ چاۋشيەنگە ئالاقىدار قارارىنى ئومۇميۈزلۈك، تولۇق ئىجرا قىلىپ، يېرىم ئارالنى يادروسىزلاندۇرۇش نىشانىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، يېرىم ئارالنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغدايدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر