باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىگە چېتىشلىق ئىنتىزامغا خىلاپ 13 تىپىك دېلو ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى

2017.09.04 09:36         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى يېقىندا نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىگە چېتىشلىق ئىنتىزامغا خىلاپ 13 تىپىك دېلونى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى، ئىنتىزامغا خىلاپ 13 تىپىك دېلو تۆۋەندىكىچە:

  چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەلىك چارۋىچىلىق- مال دوختۇرلۇق ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جاڭ خۇڭيىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس مەبلىغىنى يۆتكەپ ئىشلىتىش مەسىلىسى. جاڭ خۇڭيىڭ 2016- يىلى 5- ئايدا ئىنتىزامغا خىلاپ ھالدا جاغىستاي يېزىسىنىڭ چېگرانى قوغدىغۇچى كۆچمەن چارۋىچىلارنى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇش تۈرى مەبلىغىدىن 1 مىليون 520 مىڭ يۈەننى باشقىلارنىڭ ئىشلىتىپ تۇرۇشىغا بەرگەن، ھازىرغىچە 1 مىليون 220 مىڭ يۈەن قايتۇرۇۋېلىنمىغان. جاڭ خۇڭيىڭنىڭ يەنە ئىنتىزامغا خىلاپ باشقا مەسىلىلىرىمۇ بار. جاڭ خۇڭيىڭغا 2017- يىلى 5- ئايدا پارتىيەدىن قوغلاش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلدى ھەم جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىسى ۋە يىپ ئۇچى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

  قەشقەر شەھىرىنىڭ ئاۋات يېزىسى بوغاش كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سابىق شۇجىسى قارى تۇرسۇننىڭ ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش تولۇقلىما مەبلىغى ۋە تۆۋەن كاپالەت تولۇقلىما مەبلىغىدىن بەلگىلىمىگە خىلاپ بەھرىمەن بولۇش قاتارلىق مەسىلىسى. قارى تۇرسۇن 2007- يىلىدىن 2016- يىلىغىچە ئۆزى ۋە ئۇرۇق- تۇغقانلىرىنىڭ نامىدا 14 يۈرۈش ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيىدىن بەھرىمەن بولۇۋالغان ھەم بۇنىڭ 7 يۈرۈشىنى باشقىلارغا سېتىپ، جەمئىي 443 مىڭ يۈەن پايدىغا ئېرىشكەن؛ قارى تۇرسۇننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ۋە ئۇرۇق- تۇغقانلىرىدىن بولۇپ 28 كىشى 2014- يىلىدىن 2016- يىلىغىچە ئىنتىزامغا خىلاپ ھالدا تۆۋەن كاپالەت تولۇقلىما مەبلىغىدىن جەمئىي 172 مىڭ 600 يۈەن ئالغان. قارى تۇرسۇنغا 2017- يىلى 6- ئايدا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىلدى ھەم جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىسى ۋە يىپ ئۇچى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

  باي ناھىيەسىنىڭ ئونباش يېزىسى يۇقىرىقى ئونباش كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سابىق شۇجىسى تۇردى ئىمىرنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش تولۇقلىما مەبلىغىدىن بەھرىمەن بولۇۋېلىش مەسىلىسى. تۇردى ئىمىر 2012- يىلىدىن 2013- يىلىغىچە ئىنتىزامغا خىلاپ ھالدا ئە XX قاتارلىقلارنىڭ نامىدا ئۈچ قېتىمدا جەمئىي 88 مىڭ 500 يۈەن ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش تولۇقلىما مەبلىغىدىن بەھرىمەن بولۇۋالغان. تۇردى ئىمىرغا 2017- يىلى 7- ئايدا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىلدى ھەم جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىسى ۋە يىپ ئۇچى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

  ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ ئۈجمە يېزىسى چاغرا كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بارات ئەلىنىڭ ئىنتىزامغا خىلاپ ھالدا ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش تولۇقلىما مەبلىغىدىن بەھرىمەن بولۇۋېلىش مەسىلىسى. بارات ئەلى 2016- يىلى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا 28 مىڭ 500 يۈەن ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش تولۇقلىما مەبلىغىدىن بەھرىمەن بولۇۋالغان. بارات ئەلىنىڭ يەنە ئىنتىزامغا خىلاپ باشقا مەسىلىسىمۇ بار. بارات ئەلىگە 2017- يىلى 7- ئايدا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىلدى ھەم جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىسى ۋە يىپ ئۇچى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

  كۈنەس ناھىيەسىنىڭ كۈنەس بازىرى توقاي كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئاقبېرجان شاقرىتنىڭ چارۋىچىلارنى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇش مەبلىغىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش قاتارلىق مەسىلىسى. ئاقبېرجان شاقرىت 2012- يىلى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا چارۋىچى ۋۇ XXنىڭ نامىدا چارۋىچىلارنى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇش تولۇقلىما مەبلىغىدىن 60 مىڭ يۈەننى ئېلىۋالغان. ئۇ يەنە 2014- يىلى ۋۇ XXنىڭ نامىدا چارۋىچىلارنى ماكانلاشتۇرۇپ، چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش تولۇقلىما پۇلىدىن 18 مىڭ 500 يۈەننى ئالداپ ئېلىۋالغان. ئاقبېرجان شاقرىتنىڭ يەنە ئىنتىزامغا خىلاپ باشقا مەسىلىسىمۇ بار. ئاقبېرجان شاقرىتقا 2017- يىلى 4- ئايدا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىلدى ھەم جىنايەتكە چېتىشلىق مەسىلىسى ۋە يىپ ئۇچى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

  ئاقسۇ شەھىرىنىڭ قاراتال بازىرى يۇقىرىقى غالدىر كەنتى 2- گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ھوشۇر ئىلەكنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش تولۇقلىما مەبلىغىدىن بەھرىمەن بولۇۋېلىش مەسىلىسى. ھوشۇر ئىلەك 2011- يىلىدىن 2012- يىلىغىچە بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئۆزى ۋە خوتۇنىنىڭ نامىدا جەمئىي 59 مىڭ 500 يۈەن ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش تولۇقلىما مەبلىغىدىن بەھرىمەن بولۇۋالغان. ھوشۇر ئىلەكنىڭ يەنە ئىنتىزامغا خىلاپ باشقا مەسىلىسىمۇ بار. ھوشۇر ئىلەككە 2017- يىلى 7- ئايدا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىلدى.

  ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ قىزىلئۆي يېزىسى يەكتېرەك كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەنۋەر كېرەمنىڭ نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس مەبلىغىنى يۇتۇۋېلىش قاتارلىق مەسىلىسى. ئەنۋەر كېرەم 2010- يىلى 11- ئايدا ناھىيەلىك يېزا ئىقتىسادىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى چۈشۈرگەن باقمىچىلىق، دېھقانچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنى يۆلەش مەبلىغىدىن 21 مىڭ يۈەننى يۇتۇۋالغان. ئەنۋەر كېرەمنىڭ يەنە ئىنتىزامغا خىلاپ باشقا مەسىلىسىمۇ بار. ئەنۋەر كېرەمگە 2017- يىلى 7- ئايدا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىلدى.

  ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئۈستۈنئاتۇش بازىرى قارىغۇل كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شاكىرجان تۇرسۇننىڭ تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش تولۇقلىما مەبلىغىنى تۇتۇپ قېلىش قاتارلىق مەسىلىسى. شاكىرجان تۇرسۇن 2015- يىلى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش تولۇقلىما مەبلىغىدىن 4500 يۈەننى تۇتۇپ قالغان. شاكىرجان تۇرسۇننىڭ يەنە ئىنتىزامغا خىلاپ باشقا مەسىلىسىمۇ بار. شاكىرجان تۇرسۇنغا 2017- يىلى 7- ئايدا پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىلدى.

  قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ تاشمىلىق يېزىسى خالتا كوچا كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەلى ئابدۇرېھىمنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا باشقىلارنى تۆۋەن كاپالەت تولۇقلىما مەبلىغىدىن بەھرىمەن قىلىش قاتارلىق مەسىلىسى. ئەلى ئابدۇرېھىم 2013- يىلىدىن 2016- يىلىغىچە 11 كەنت كادىرى ۋە پېنسىيەگە چىققانلارنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا تۆۋەن كاپالەت تولۇقلىما مەبلىغىدىن بەھرىمەن قىلغان، ئۇلار جەمئىي 95 مىڭ 600 يۈەن تۆۋەن كاپالەت تولۇقلىما مەبلىغى ئالغان؛ ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان مەزگىلدە ئۇرۇق- تۇغقان، دوست- بۇرادەرلىرىگە يان بېسىپ، ئۇرۇق- تۇغقانلىرىنى 4 يۈرۈش ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيى ئۈچۈن بېرىلگەن 114 مىڭ يۈەن تولۇقلىما پۇلىدىن بەھرىمەن قىلغان. ئەلى ئابدۇرېھىمغا 2017- يىلى 4- ئايدا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش جازاسى بېرىلدى.

  ئالتاي شەھىرى لاستى يېزىسىنىڭ مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى خۇاڭ چىڭخۇانىڭ ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش تولۇقلىما مەبلىغىنى يۆتكەپ ئىشلىتىش مەسىلىسى. خۇاڭ چىڭخۇا 2011- يىلى ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش خىزمىتىنى قوشۇمچە باشقۇرغان مەزگىلدە قۇرۇلۇش ئارخىپ ماتېرىياللىرىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش تولۇقلىما مەبلىغىدىن 204 مىڭ يۈەننى ئالداپ ئېلىۋېلىپ، بۇ يېزىنىڭ يېڭى يېزا قۇرۇلۇشىغا ئىشلەتكەن. خۇاڭ چىڭخۇاغا 2017- يىلى 5- ئايدا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.

  توقسۇ ناھىيەسىنىڭ ئىچئېرىق بازىرى ئاقيار كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى توختى مەمەتنىڭ ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيى تولۇقلىما مەبلىغىدىن بەھرىمەن بولۇۋېلىش مەسىلىسى. توختى مەمەت 2014- يىلى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا خوتۇنىنىڭ نامىدا 30 مىڭ 500 يۈەن ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيى تولۇقلىما مەبلىغىدىن بەھرىمەن بولۇۋالغان. توختى مەمەتكە 2017- يىلى 7- ئايدا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.

  كۆكتوقاي ناھىيەسىنىڭ تۇرغۇن يېزىسى قۇزىكە كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى سېنبېك كامىلقاننىڭ دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش پۇلىنى ئىگىلىۋېلىش مەسىلىسى. سېنبېك كامىلقان 2012- يىلى 3- ئايدىن 2015- يىلى 6- ئايغىچە بولغان مەزگىلدە بۇ كەنتتىكى دېھقان رXX نىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن تۆۋەن كاپالەت تولۇقلىما مەبلىغى ۋە باشقا تولۇقلىما مەبلىغىدىن جەمئىي12 مىڭ 800 يۈەننى ئېلىپ، ئۆزىنىڭ شەخسىي چىقىملىرىغا ئىشلىتىۋالغان. سېنبېك كامىلقانغا 2017- يىلى 3- ئايدا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.

  باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ داخې بازىرى شاڭخۇ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جۇچېڭجۈننىڭ مالىيە مەخسۇس تولۇقلىما مەبلىغىنى ئالداپ ئېلىۋېلىش مەسىلىسى. جۇچېڭجۈن 2014- يىلىدىن 2015- يىلىغىچە تولۇقلىما بېرىلىدىغان 36.492 مو بېدىلىك (ھەر موسىغا 100 يۈەندىن تولۇقلىما بېرىلىدۇ)نىڭ كۆلىمىنى يالغان مەلۇم قىلىپ، 49 مىڭ 200 يۈەن مالىيە تولۇقلىما مەبلىغىنى ئالداپ ئېلىۋالغان. جۇچېڭجۈنگە 2017- يىلى 5- ئايدا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.

  بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم بىر يىل، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغان يىل. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ئاڭلىق زىممىسىگە ئېلىپ، سىياسەت، تۈر، مەبلەغنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى «ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى ھەقىقىي تۇتاشتۇرۇپ، بېسىمنى ناھىيە، يېزىلارغىچە يەتكۈزۈپ، پارتىيەنىڭ نامراتلارنى يۆلەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، دېھقانلارنى بېيىتىپ، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەت- تەدبىرلىرىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش- مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى نازارەت قىلىش ، ئىنتىزام ئىجراسى، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتى تېلېۋىزىيە- تېلېفون يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ كۆك نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتى يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ كۆك نامرات ناھىيەلەرنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى نازارەت قىلىش، ئىنتىزام ئىجراسى، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما ۋە تەلەپلىرى بويىچە سىياسىي مەۋقەدە يەنىمۇ چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى پۇختا تۇرغۇزۇپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىنتىزام ۋە قائىدە- تەرتىپلەرنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامغىچە، كۆك نامرات ناھىيەلەرگىچە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «قېتىم سانى كۆپ، ھەرىكەتچان» بولۇپ، نۇقتىلىق نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، مەركەزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت تەلەپلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا قەتئىي بولماسلىق، ئەتراپلىق بولماسلىق، ساختا، يالغان مەلۇم قىلىش، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» قىلمىشلىرىنى؛ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىگە شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش، ئەمەلىي ئىش قىلماسلىق مەسىلىلىرىنى؛ نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى خىيانەتچىلىك، مەبلەغنى يۆتكەپ ئىشلىتىۋېلىش، تۇتۇپ قېلىش، يەڭ ئىچىدە بۆلۈشۈۋېلىش، ئۇرۇق- تۇغقان، دوست- بۇرادەرلىرىگە يان بېسىش، ساختا مەلۇم قىلىپ، كۆز بوياپ ئېلىۋېلىش، ئالدىغا كەلگەنلىكى ئىشتىن نەپ ئېلىش، زورلۇق بىلەن ئىگىلىۋېلىش، تالان- تاراج قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. «بىر دېلونى قوش تەكشۈرۈش»تە چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەت، جاۋابكارلىقنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشنى نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى «قوش مەسئۇلىيەت»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكىچە تاقاش كېرەك. ئاشكارا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، ئاشكارىلاش قېتىم سانى ۋە مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى ئىنتىزامغا خىلاپ تىپىك مەسىلىلەرنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش ۋە ئاشكارىلاشنى دائىملاشتۇرۇپ، «كۆز بويامچىلىق قىلغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش، <ئىرىمچىك>كە چېقىلىشقا جۈرئەت قىلغانلارنى قاتتىق جازالاش»تەك كۈچلۈك سىگنالنى داۋاملىق تارقىتىپ، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى پۇختا خىزمەت نەتىجىسى بىلەن كۈتۈۋېلىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر