باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

«كېسەك ئالتۇن» دۆلەتلىرى باشلىقلىرىنىڭ 9-قېتىملىق ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزۈلدى

شى جىنپىڭ ئۇچرىشىشقا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى، شى جىنپىڭ: «كېسەك ئالتۇن» ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسى يارىتايلى، دەپ تەكىتلىدى

2017.09.05 15:55   مەنبە: خەلق تورى

«كېسەك ئالتۇن» دۆلەتلىرى باشلىقلىرىنىڭ 9-قېتىملىق ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزۈلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-سىنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. «كېسەك ئالتۇن» دۆلەتلىرى باشلىقلىرىنىڭ 9-قېتىملىق ئۇچرىشىشى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى شيامېن خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئۇچرىشىشقا رىياسەتچىلىك قىلدى. جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى زۇما، بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى تېمېر، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، ھىندىستان زۇڭلىسى مودى ئۇچرىشىشقا قاتناشتى. 5 دۆلەت رەھبىرى « <كېسەك ئالتۇن> ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسى يارىتايلى» دېگەن باش تېمىنى چۆرىدەپ، نۆۋەتتىكى خەلقئارا ۋەزىيەت، دۇنيا ئىقتىسادىنى ئىدارە قىلىش، «كېسەك ئالتۇن» ھەمكارلىقى، خەلقئارا ۋە رايون قىززىق نۇقتا مەسىلىسى قاتارلىقلار توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى، «كېسەك ئالتۇن» ھەمكارلىقىنىڭ 10 يىللىق مۇساپىسىنى ئەسلەپ ئۆتتى، ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئالىدىغان «كېسەك ئالتۇن» روھىنى تەكىتلەپ، بىر قاتار ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى، «كېسەك ئالتۇن» ھەمكارلىقىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات خەرىتىسىنى پىلانلىدى، يۆنىلىشىنى ئايدىڭلاشتۇردى.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە، «كېسەك ئالتۇن» دۆلەتلىرىنىڭ باشلىقلىرى كەينى-كەينىدىن يىغىن زالىغا كىرىپ كەلدى. شى جىنپىڭ قىزغىن كۈتۈۋالدى ھەم بىرمۇ بىر كۆرۈشتى، ئارقىدىن كوللىكتىپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  شى جىنپىڭ كەڭ دائىرىلىك يىغىندا « <كېسەك ئالتۇن> ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسى يارىتايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، «كېسەك ئالتۇن» ھەمكارلىقىنىڭ 10 يىللىق شانلىق مۇساپىسىگە ئىجابىي باھا بەردى، «كېسەك ئالتۇن» ھەمكارلىقىنىڭ ئىككىنچى «ئالتۇن 10 يىلى»نى يارىتىپ، «كېسەك ئالتۇن» ھەمكارلىقى ئارقىلىق 5 دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى، ھەر قايسى ئەل خەلقلىرىگە نەپ يەتكۈزۈشنى تەكىتلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: «كېسەك ئالتۇن» ھەمكارلىقىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىدا، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىش؛ ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئالىدىغان روھتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي، سىياسىي، ئادىمىيەت ھەمكارلىقىنى سىجىل كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈش؛ خەلقئارا ھەققانىيلىق، ئادىللىقنى تەشەببۇس قىلىپ، باشقا گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، بىرلىكتە ياخشى تاشقى مۇھىت يارىتىش ئاچقۇچتۇر.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: دۇنيا ۋەزىيىتىدە چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان ئەھۋالدا، «كېسەك ئالتۇن» ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىملىقى تېخىمۇ گەۋدىلەندى. بىز يەنىمۇ غەيرەت قىلىپ، «كېسەك ئالتۇن» ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «كېسەك ئالتۇن» ھەمكارلىقىنىڭ ئىككىنچى «ئالتۇن 10 يىلى»نى يارىتىشىمىز كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى


  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·دۆلىتىمىزنىڭ كەسپىي مائارىپ دۆلەت ئوقۇتۇش ئۆلچىمى سىستېمىسىنىڭ رامكىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى
    ·ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېزىلاردا يېڭىدىن سېلىنغان 4408 يەسلى قۇرۇلۇشى ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇپ بېرىلدى
    ·بىر تۈركۈم يېڭى بەلگىلىمىلەر 9-ئايدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ
    ·ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 324 يەسلىدە ھەقسىز يەسلى مائارىپى يولغا قويۇلىدۇ
    ·1-سېنتەبىردىن باشلاپ مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەردە بىر تۇتاش تۈزۈلگەن ئەخلاق ۋە قا…
    ·شىنجاڭدا ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھانسىز ھالدا تونۇشتۇرۇپ قوبۇل قىلىش سالاھىيىتىنى ھازىرلىغان ئ…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى بېسىپ تارقاتقان پىكىردە: شەرقىي رايوندىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوتتۇرا، غەربىي ر…
    ·شىنجاڭنىڭ 2017-يىللىق چوڭلار ئالىي مائارىپى ئىمتىھانىغا 8-ئاينىڭ 28-كۈنى تىزىملىتىش باشلىنىدۇ
    ·پۇقرا مائارىپىنىڭ ئومۇمىي مۈلۈك سوممىسى 3 مىليارد يۈەنگە يەتتى
    ·9- ئايدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى يەسلىلەرنىڭ بېقىش ۋە تەربىيەلەش ھەققى كەچۈ…