باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو خەلق بانكىسى قاتارلىق يەتتە تارماق ھەر خىل تەقلىدىي پۇل تارقىتىپ مەبلەغ كىرگۈزۈشنى توختاتتى

2017.09.05 16:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىنقى مەزگىلدە، تەقلىدىي پۇل تارقىتىش ئارقىلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش پائالىيىتى كۆپلەپ مەيدانغا كەلدى، تۇنجى قېتىم تەقلىدىي پۇل تارقىتىش (ICO) قاتارلىق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ھايانكەشلىك قىلىش ئەۋج ئالدى. 4- سېنتەبىر، جۇڭگو خەلق بانكىسى قاتارلىق يەتتە تارماق بىرلىشىپ ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشتا، ھەرقانداق تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ قانۇنسىز تەقلىدىي پۇل تارقىتىپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا بولمايدىغانلىقى، ھەر خىل تەقلىدىي پۇل تارقىتىپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش پائالىيەتلىرىنى دەرھال توختىتىشى كېرەكلىكى، تەقلىدىي پۇل تارقىتىپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى تاماملىغان تەشكىلات ۋە شەخسلەرنىڭ چېكىنىپ چىقىشى كېرەكلىكى ئېيتىلدى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، تەقلىدىي پۇل تارقىتىپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش — مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش گەۋدىلىرىنىڭ تەقلىدىي پۇللارنى بەلگىلىمىگە خىلاپ سېتىش، ئوبوروت قىلىش ئارقىلىق، مەبلەغ سالغۇچىلارغا بىت تەڭگىسى، ئېفىر پۇلى قاتارلىق ئاتالمىش «مەۋھۇم پۇل»لارنى توپلاتقۇزۇشنى كۆرسىتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، تەقلىدىي پۇل ياكى «مەۋھۇم پۇل»نىڭ قانۇنىي تۆلەم خاراكتېرى ۋە مەجبۇرلاش خاراكتېرى قاتارلىق پۇلنىڭ خاسلىقى بولمايدۇ، پۇل بىلەن ئوخشاش قانۇنىي ئورۇنغا ئىگە ئەمەس، يەنە پۇل سۈپىتىدە بازاردا ئوبوروت قىلىپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. لېكىن يېقىندا بەزى تەشكىلات ۋە شەخسلەر تەقلىدىي پۇل تارقىتىپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش نامىدا ئېلىپ سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىشتەك قانۇنسىز پۇل مۇئامىلە پائالىيىتىگە چېتىشلىق بولۇپ، ئىقتىساد ۋە پۇل مۇئامىلە تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلاشتۇردى.

  بۇنىڭ ئۈچۈن، جۇڭگو خەلق بانكىسى، مەركىزىي ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش باش ئىدارىسى، بانكا نازارەتچىلىكى كومىتېتى، ئاكسىيە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى، سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ تەقلىدىي پۇل تارقىتىپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇقتۇرۇشىدا، تەقلىدىي پۇل تارقىتىپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنىڭ ماھىيەت جەھەتتە بىر خىل تەستىقلاتماي تۇرۇپ قانۇنسىز ئاشكارا مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ھەرىكىتى بولۇپ، تەقلىدىي پۇل- چەكلەرنى قانۇنسىز سېتىش، قانۇنسىز ئاكسىيە تارقىتىش ۋە قانۇنسىز مەبلەغ توپلاش، پۇل مۇئامىلە ئالدامچىلىقى، شاخلىتىپ سېتىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرگە چېتىشلىق ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئېيتىلدى: ھەر خىل تەقلىدىي پۇل تارقىتىپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش پائالىيەتلىرىنى دەرھال توختىتىش كېرەك، تەقلىدىي پۇل تارقىتىپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى تاماملىغان تەشكىلات ۋە شەخسلەر قايتۇرۇش قاتارلىقلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشى، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى مۇۋاپىق قوغدىشى، خەۋپ-خەتەرلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. ئالاقىدار تارماقلار تەقلىدىي پۇل تارقىتىپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش پائالىيىتىنى توختاتمىغان ۋە تاماملانغان تەقلىدىي پۇل تارقىتىپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش پائالىيىتى جەريانىدىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر