باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىشىنچا ئەمگەكچىلەر ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يۈرۈپ كەتتى

2017.09.05 16:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن، ھاۋاگۈل ئىمرەمزى خەۋىرى) يېقىندا، ئاۋات ناھىيەسىنىڭ ھەر قەيسى يېزا-بازارلىرىدىن تاللىنىپ كەلگەن 89 يېزا ياشلىرى تېخىنىكا ماھارىتى بويىچە تەربىيەلىنىپ ۋە تىل ئۆتكىلىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ، 2-تۈركۈمدە ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئۈچۈن يۈرۈپ كەتتى.

  ئاۋات ناھىيەسى ئايباغ يېزىسى تۈۋەنكى كۇلاس كەنتىدىن ئەكبەرجان ئاقچى مۇنداق دېدى: بىز پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ سەمىمىي غەمخۇرلۇقى ۋە ئەتراپلىق تەربىيەلىشى نەتىجىسىدە دۇنيا قارىشىمىزنى يېڭىلاپ، تېخىنىكا ماھارىتى ۋە تىل ئۆتكىلىدىن ئۆتۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق. يېڭى خىزمەت ئورنىغا بارغاندىن كېيىن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، بىر جۈپ ئىشچان قولىمىزغا تايىنىپ كىرىمىمىزنى ئاشۇرۇپ، تۇرمۇشىمىزنى ياخشىلايمىز.

  ئاۋات ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئەخمەتجان ئىگەمبەردى مۇنداق دېدى: ھەر بىر تۈركۈمدىكى ياشلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تەشكىللىگەندە، ئۇلارغا پويىز بېلىتى ئېلىپ بىرىش بىلەن بىللە، يىمەك-ئىچمەك، بىر تۇتاش كىيىم-كېچەك، يۈك-تاق ساندۇقى ۋە سەپەردە ئىشلىتىدىغان تۇرمۇش بۇيۇملىرى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارغا ھەمراھ بولۇپ بارىدىغان دوختۇر، كەسپىي مۇلازىمەت خادىملىرىنى بىرگە ئەۋەتىپ، ئۇلارنىڭ خاتىرىجەم ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىۋاتىمىز.

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاۋات ناھىيەسى ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى كارخانىلار بىلەن ئاكتىپ ھەمكارلىشىپ، يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى. ھازىرغا قەدەر ئىككى تۈركۈمدە 280دىن ئارتۇق يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىچكىرىدىكى كارخانىلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش خىزمىتىدە ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، 2020-يىلىغا بارغاندا پۈتۈن ناھىيە تەۋەسىدىكى نامراتلارنى ئۆز قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا پۇختا ئاساس سالدى.

  ئاۋات ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئەخمەتجان ئىگەمبەردى مۇنداق دېدى: بىز ئالدى بىلەن ئەنخۇينىڭ خېفىيدىكى كارخانىلارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئاساسىي قاتلامدا تەشۋىقات سالمىقىنى زورايتتۇق. تۇنجى قېتىمدا 130دىن ئارتۇق يېزا ياشلىرى تىزىمغا ئالدۇردى. بۇنىڭ ئىچىدىن مۇئەييەن دەرىجىدە تاللاش ئارقىلىق 89 نەپىرىنى مۇقىملاشتۇردۇق. بۇ قېتىم ئۇلار ئەنخۇينىڭ خېفىيغا بارغاندىن كېيىن، خىزمەت مۇھىتىغا ئاكتىپ ماسلىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر