باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئىجتىمائي خەۋەرلەر

ئۈرۈمچى تۆمۈريول ساقچى تارمىقى «كۈز شامىلى-2017» ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، بېلەت ھايانكەشلىكى قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرگە زەربە بېرىدۇ

2017.09.05 16:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «1-ئۆكتەبىر» ئالتۇن ھەپتىلىكى پويىز بېلىتى سېتىلىشىنىڭ باشلىنىشىغا ئەگىشىپ، يولۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغداش ۋە ياخشى بولغان بېلەت سېتىۋىلىش تەرتىپىنى ساقلاش ئۈچۈن، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى تۆمۈريول ج خ ئىدارىسىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئۈرۈمچى تۆمۈريول ساقچى تەرەپ 9-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 12دىن باشلاپ، ئىككى ئاي داۋاملىشىدىغان «كۈز شامىلى-2017» ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، بېلەت ھايانكەشلىكى قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرگە قاتتىق زەربە بېرىدۇ ۋە ئالدىنى ئالىدۇ.

  ئىگىلەشكە قارىغاندا، تۆمۈريول تارماقلىرى 2-سېنتەبىردىن باشلاپ «1-ئۆكتەبىر» ئالتۇن ھەپتىلىكى ۋە تاۋۇز چاغىنىلىق دەم ئېلىشنىڭ پويىز بېلىتى ئومۇميۈزلۈك سېتىلىدىكەن، بۇ يىل ئىككى بايرام ئارقا-ئارقىدىن كېلىدىغانلىقى ئۈچۈن بەزى رايونلار، بەزى نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ توشۇش ئىقتىدارىغا قارىتا كۈچلۈك بېسىم ئېلىپ كېلىدىكەن. بەزى قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ يۇقىرى باھادا بېلەت ھايانكەشلىكى قىلىپ، يولۇچىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى «ناتونۇش كىشىلەر»نى ۋەزىپىگە قويۇپ، نۇقتىلىق ۋوگزاللارغا قارىتا مەركەزلەشتۈرۈپ زەربە بېرىش، تۈزەش ھەرىكىتىنى يولغا قويىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر