باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئونسۇ ناھىيەسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا نومۇر خاتىرىلەپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويدى

2017.09.05 15:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇتەللىپ ئابدۇراھمان خەۋىرى) ئونسۇ ناھىيەسى ئاپتونوم رايوننىڭ كۆك نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا نومۇر خاتىرىلەپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا ھەممە ئادەم كۆڭۈل بۆلۈش، ھەممە ئادەم قوللاش، ھەممە ئادەم قاتنىشىشتەك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قورغىنى بەرپا قىلدى.

  بۇ تۈزۈمدە كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى، خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلار، خىزمەت ئەترىتى ئەۋەتكەن ئورۇن ۋە نامرات ئائىلىلەر نومۇر خاتىرىلەپ باشقۇرۇش تۈزۈمى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، نومۇر قويۇش ئۆلچىمى، نىشانى، باھالاش ئاساسى ئېنىق بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  نۆۋەتتە، ئونسۇ ناھىيەسىدىكى 157 خىزمەت ئەترىتى، 886 خىزمەت ئەترىتى ئەزاسى، خىزمەت ئەترىتى ئەۋەتكەن 90 دىن ئارتۇق ئورۇن ۋە 2597 نامرات ئائىلە نومۇر خاتىرىلەپ باشقۇرۇش تۈزۈمى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، نومۇر خاتىرىلەپ باشقۇرۇش تۈزۈمى كەنتتە تۇرۇشلۇق «ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمىتى ئەترىتىنىڭ كەنتنى ھۆددىگە ئېلىشتىكى نامراتلارنى يۆلەش سىياسەت-تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى، نامراتلارنى يۆلەش بايلىقىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش ئەھۋالى، ئاممىنى تەشكىللەپ سەپەرۋەر قىلىش ئەھۋالى قاتارلىق «بەش تۈرلۈك مەسئۇلىيەت»نىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى؛ خىزمەت ئەترىتىدىكى كادىرلارنىڭ نامرات ئائىلىلەرنى ھۆددىگە ئېلىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى تەپەككۇر يولى ئېنىق بولۇش، نامرات ئائىلىلەرگە تۈر كىرگۈزۈش، نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش قاتارلىق «بەش تۈرلۈك مەسئۇلىيەت»نىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالى؛ خىزمەت ئەترىتى ئەۋەتكەن ئورۇننىڭ كەنتنى ھۆددىگە ئېلىپ ئائىلىلەر بىلەن ئالاقىلىشىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ۋە كەنتكە چۈشۈپ كۈچنى بىرىكتۈرۈپ ياردەم بېرىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، «قان تولۇقلاپ» نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش قاتارلىق جەھەتتىكى مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى؛ نامرات ئائىلىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇش، تېخنىكا، ماھارەت بويىچە تەربىيەلىنىشكە قاتنىشىش، سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ كىرىم يارىتىش، كىرىمىنى كۆپەيتىدىغان كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئەھۋالى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئايدا بىر باھالاش، ئايدا بىر ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر