- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئونسۇ ناھىيەسىدىكى 70 مىڭ 421 ئوقۇغۇچى ئوزۇقلۇقنى ياخشىلاش پىلانىدىن مەنپەئەتلەندى
2017.09.05 15:06 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇتەللىپ ئابدۇراھمان خەۋىرى) ئونسۇ ناھىيەسى 2016-يىلى كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ، يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلۇقىنى ياخشىلاش پىلانى بويىچە دۆلەتنىڭ نۇقتىدا سىناق قىلىش سىياسىتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن ئىدى. 2016-يىلى كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ 2017-يىلى كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىغىچە بولغان بىر يىل ئىچىدە، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون مۇشۇ تۈر بويىچە ئونسۇ ناھىيەسىگە 31 مىليون 21 مىڭ 800 يۈەن مەبلەغ بەرگەن بولۇپ، ئونسۇ ناھىيەسىدىكى 114 مەكتەپتىكى 70 مىڭ 421 ئوقۇغۇچى بۇنىڭدىن بىۋاسىتە مەنپەئەتلەندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر