باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

خىزمەت ئەترىتىنىڭ سوۋغىسى كەلگۈسى ئىزباسارلارنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى

2017.09.05 15:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇتەللىپ ئابدۇراھمان خەۋىرى) ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ گۈلئاۋات يېزىسى چىڭتۆمۈر كەنتىدىكى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار 120 پەرزەنت قىممەتلىك سوۋغا تاپشۇرۇپ ئالدى. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىن بۇ كەنتكە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى خادىملارنىڭ تەشكىللىشىدە جەمئىيەتتىكى جامائەت پاراۋانلىقى مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش كوللېكتىپى ئىئانە قىلغان كۆڭلەك بالىلارنى چەكسىز خۇشال قىلدى.

  ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ گۈلئاۋات يېزىسى چىڭتۆمۈر كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى زۇ لېي مۇنداق دېدى: بۇ گەرچە كىچىك ئىش بولسىمۇ، ئۇلارغا ئاز-تولا ياردەم قىلالىدۇق، بۇ كىچىك ئىشلار ئارقىلىق بالىلار ئۆزگىرىشنى، مېھىر-مۇھەببەتكە جاۋاب قايتۇرۇشنى ھېس قىلالىدى، بۇنىڭدىن كېيىن ئاستا-ئاستا يېزا بالىلىرى بىلەن شەھەردىكى بالىلار ئارىسىدىكى پەرق كىچىكلەيدۇ.

  بالىلار ــ ۋەتەننىڭ كەلگۈسى، گەرچە بۇ پەقەت كىچىك بىر كۆينەك بىلەن چەكلەنسىمۇ، ئائىلە قىيىنچىلىقى بار بالىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ بىر ئالاھىدە سوۋغات، بۇنىڭدىن بالىلارنىڭ قەلبىدە بىخلانغان ئۈمىد ئۇرۇقىنى كۆرگىلى بولىدۇ، ئاممىغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سەمىمىي، ئىللىقلىقىنى تېخىمۇ ھېس قىلدۇرغىلى بولىدۇ.

  گۈلئاۋات يېزىسى چىڭتۆمۈر كەنت ئاھالىسى ئايتۇرەم مەمەت مۇنداق دېدى: پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرى بىزنىڭ نۇرغۇن ئىشلىرىمىزنى راۋانلاشتۇردى، ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە بىز دېھقانلار ئازادە، پاكىز ۋە رەتلىك ئۆيگە كۆچۈپ كىردۇق، كەنتىمىزدىمۇ شەھەرلىكلەرگە ئوخشاش بالىلار باغچىسى بار بولدى، ئاڭلىسام بالىلار باغچىسىدا 9-ئايدا ئوقۇش باشلىنىدىكەن، بىز ئاتا-ئانىلار خاتىرجەم بولدۇق، ئەگەر بالىلار باغچىسى بولمىغان بولسا، بالىمىز بىزگە ئەگىشىپ ئېتىزدا يۈرەتتى. شۇڭا بىز پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمىز، شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، بىزنىڭ كۈنىمىز بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كېتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر