باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئونسۇ ناھىيەسى يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتە «10 شەھەردە 100 دۇكان» قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈردى

2017.09.05 15:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇتەللىپ ئابدۇراھمان خەۋىرى) يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، ئىشلەپچىقىرىشنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، تىجارەتنى كۆلەملەشتۈرۈش، ماركىلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش، بازارلاشتۇرۇپ يۈرۈشلەشتۈرۈش __ يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇقەررەر يولى، شۇنداقلا ئۆزگىچە ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ زورايتىشنىڭ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى. ئونسۇ ناھىيەسى يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش تەرەققىياتىنى يەنىمۇ تېزلىتىش ئۈچۈن، ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە جىنخۇا شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۆزئارا ماسلىشىپ، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى «10 شەھەردە 100 دۇكان» قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى قانات يايدۇردى.

  يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈشتىكى «10 شەھەردە 100 دۇكان» قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشتا، ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ چىلان، ياڭاق ۋە ئالمىنى ئاساس قىلغان، يىللىق تاۋار مەھسۇلات مىقدارى 200 مىڭ توننا بولغان 300 مىڭ مولۇق ئەلا سۈپەتلىك باغۋەنچىلىك كەسىپ بازىسى؛ شال، بۇغداي ۋە قارا ئاشلىقنى ئاساس قىلغان 65 مىڭ مولۇق ئەلا سۈپەتلىك ئاشلىق بازىسى ۋە 3000 توننىلىق ئەلا سۈپەتلىك كالا، قوي گۆشى بازىسىنى ئاساس قىلغان ھالدا ئونسۇ ناھىيەسىدە 5000 توننىلىق سوغۇق ساقلاش ئىسكىلاتىدىن بىرنى قۇرۇپ، 100 دىن ئارتۇق دۆلەت كارخانىسى، پۇقراۋىي كارخانا ۋە دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى قاتناشقان «ئەلا سۈپەتلىك ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش كارخانىلىرى بىرلەشمە گەۋدىسى» بەرپا قىلىندى ھەمدە تور سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ جېجياڭ ئۆلكىسىدە مۇستەقىل ئەشيا ئوبوروتى يىغىش-تارقىتىش غول تورى بەرپا قىلىنىپ، توردا كۆرگەزمە قىلىش، «ئونسۇنىڭ مېۋىلىرىنى شەرققە يەتكۈزۈش، جېجياڭنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىنى ئونسۇغا يەتكۈزۈش» تەك قوش يۆنىلىشلىك بىرلەشمە تىجارەت ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈلۈپ، ئونسۇنىڭ مېۋىلىرىنى تور ئارقىلىق جېجياڭ قاتارلىق شەرقىي جۇڭگو رايونلىرىغا سېتىش دەسلەپكى قەدەمدە ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ئاساسلىق زەنجىرسىمان تاللا بازارلىرىدا ئونسۇنىڭ مېۋىلىرىنى مەخسۇس سېتىش پۇكەيلىرى تەسىس قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە تور سۇپىسى ئارقىلىق ئونسۇنىڭ مېۋىلىرى جېجياڭنىڭ جياشىڭ قاتارلىق شەھەرلىرىدىكى چوڭ تىپتىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى توپ تارقىتىش بازىرىغا ھەمدە شۇ شەھەرلەردىكى ئورگان، مەكتەپ، قىسىم، دوختۇرخانا، كارخانا قاتارلىق ئاممىۋى بازارلارغا يۈزلەندۈرۈلدى. ئونسۇنىڭ مېۋىلىرى ئارقىلىق جېجياڭ بازارلىرىنى قاپلاش ئاساسىدا شاڭخەي چوڭ بازارلىرىغا، شەرقىي جۇڭگو بازارلىرىغا، باشقا ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى چوڭ بازارلارغا يۈرۈش قىلىندى. جېجياڭ ئۆلكىسىدە قۇرۇلغان ئەشيا ئوبوروتى تايانچ تورى ئارقىلىق جېجياڭ ئۆلكىسىدە سېتىپ چىقىرىلغان ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى 100 مىڭ توننىدىن، باشقا ئىچكىرى رايونلاردا سېتىپ چىقىرىلغىنى 138 مىڭ توننىدىن ئاشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر