باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنۋان ۋە باھالاش تۈزۈمى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ

2017.09.11 10:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋان تۈزۈمى ئىسلاھاتى ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەكشۈرۈپ باھالاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرىمىز دېدى.

  بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەكتەپلەردىكى مەخسۇس ئوقۇتقۇچى 15 مىليون 780 مىڭغا يېتىپ، 2012-يىلىدىكىدىن بىر مىليون 160 مىڭى كۆپەيگەن. مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتى مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ دىڭخۇا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، بىر يۈرۈش باشقۇرۇش ئىسلاھاتىدا يېڭى بۆسۈش بولدى. بىز «ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ رەھبەرلىرىنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى»نى چىقىرىپ، مائارىپچىلار مەكتەپ باشقۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدۇق. ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋان تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئالىي ئۇنۋان تەسىس قىلىپ، تۇنجى قېتىمدا ئۈچ مىڭغا يېقىن ئوقۇتقۇچىنى باھالىدۇق. بىز ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەكشۈرۈپ باھالاش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مائارىپ، ئوقۇتۇش نەتىجىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، پەن تەتقىقاتتىكى ۋەكىللىك ئەسەرلىرىنى باھالاش مېخانىزمى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئوقۇتقۇچىلارنى قېتىرقىنىپ ئوقۇتۇش، ئادەم تەربىيەلەش، خاتىرجەم ھالدا تەتقىقات ئىلىمى بىلەن شۇغۇللىنىشقا يېتەكلەيمىز.

  بۇ يىل 3-ئايدا، مائارىپ مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مەركەز ئىشتات ئىشخانىسى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى قاتارلىق بەش تارماق «ئالىي مائارىپ ساھەسىدە ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش، قويۇۋېتىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى سەرخىللاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەققىدىكى بىر قانچە پىكىر»نى بىرلىكتە چىقىرىپ، مەكتەپلەرنىڭ باشقۇرۇشتىكى مۇستەقىللىق ھوقۇقىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋانىنى باھالاش ھوقۇقىنى تۆۋەنگە چۈشۈردى. مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتى مەھكىمىسىنىڭ كۆزەتكۈچىسى ليۇ جيەنتۇڭ مۇنداق دېدى: ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۇنۋانىنى باھالاشنى ئالىي مەكتەپلەر، جۈملىدىن پىروفېسسور، دوتسېنتلارغا بىۋاسىتە چۈشۈرۈپ بېرىش كېرەك. بۇ يىل 1-ئايدا، گوۋۇيۈەن 3-تۈركۈمدىكى مەمۇرىي تەستىقلاش تۈرلىرىنى بىكار قىلىش قارارىدا، دوتسېنتلارنىڭ باھالاش ھوقۇقىنى بىكار قىلىشنى بۇنىڭ قاتارىغا كىرگۈزدى، 3-ئايدىكى بەش تارماقنىڭ ھۆججىتىدە، ئەمەلىيەتتە پىروفېسسورلارنىڭ باھالاش ھوقۇقىنى بىكار قىلىشمۇ بۇنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈلدى.

  بۇندىن باشقا، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش، كەسپىي پىلان ۋە تۇرمۇش مۇھىتىغا قارىتا، گوۋۇيۈەن بىر يۈرۈش يېڭى سىياسەتلەرنى چىقاردى. «13-بەش يىلدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش پىلانى»دا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئىشقا ئورۇنلىشىش جەھەتتىن ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەشكە يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ئەمەلىي چېنىقتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى يېڭىلاپ، ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش لازىم. «ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ مائارىپ باشقۇرۇشىغا ئىلھام بېرىپ، پۇقراۋى مائارىپنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى بىر قانچە پىكىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: پۇقراۋى مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچىلار سالاھىيىتىنى بېكىتىش، ۋەزىپىگە تەكلىپ قىلىش، تەربىيەلەش، باھالاش، تەقدىرلەش قاتارلىق جەھەتلەردە ھۆكۈمەت مەكتەپلىرىدىكى ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئوخشاش ھوقۇققا ئىگە. «13-بەش يىلدىكى ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنى باراۋەرلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش پىلانى»دا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: شەھەر-بازارلاردا مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشقان ياش دوختۇرلار، ياش ئوقۇتقۇچىلار قاتارلىق كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنىڭ شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئاممىۋى ئىجارىلىك ئۆيدە ئولتۇرۇشقا شەرتى توشسا، ئاممىۋى ئىجارىلىك ئۆينىڭ كاپالەت دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر