باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى

«شى جىنپىڭنىڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر ۋە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى خىزمىتى توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر» نەشر قىلىپ تارقىتىلدى

2017.09.11 14:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-سېنتەبىرى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ھۆججەت-ئەسەرلەر تەتقىقات ئىشخانىسى تەھرىرلىگەن «شى جىنپىڭنىڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر ۋە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى خىزمىتى توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر» ناملىق كىتاب يېقىندا مەركەز ھۆججەت-ئەسەرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، مەملىكەت بويىچە تارقىتىلدى.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ياشلار-ئۆسمۈرلەر ۋە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە سەمىمىي كۆڭۈل بولدى. يولداش شى جىنپىڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر ۋە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى خىزمىتىنى چۆرىدەپ ئېلان قىلغان بىر قاتار مۇھىم بايانلىرىدا يېڭى ۋەزىيەتتە ياشلار-ئۆسمۈرلەر ۋە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم نەزەرىيە ۋە ئەمەلىي مەسىلىلەرنى چوڭقۇر شەرھلەپ، زامانىمىز ياشلىرىنىڭ تارىخىي بۇرچى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىش يولىنى كۆرسىتىپ بەردى. يولداش شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش ياشلار-ئۆسمۈرلەر ۋە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى خىزمىتىنىڭ ئاساسىي تەلىپى ۋە نۇقتىلىق ۋەزىپىسىنى توغرا ئىگىلەش، ياشلار-ئۆسمۈرلەرنى ئۇلۇغۋار غايە تىكلەش، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى تىكلەپ ۋە ئۇنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشكە يېتەكلەش، ئىتتىپاق ئەزالىرىنى «تۆت ئاڭ»نى، ئىلغارلىق ۋە شەرەپ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا تەربىيەلەش، ياشلار-ئۆسمۈرلەرنى ئىككى «100 يىل» كۈرەش نىشانىنى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ ئۆگىنىش، تىرىشىپ خىزمەت قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر