خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9- ئاينىڭ 8- كۈنى، 33- قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى ھارپىسىدا، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ تيەنجىن كەسپىي تېخنىكا پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىگە كېلىپ، زامانىۋى كەسپىي مائارىپنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەمدە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى يوقلىدى، ھەم شۇنداقلا پارتىيە مەركىزى كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىدىن بايراملىق ھال سورىدى.
لى كېچياڭ تيەنجىن كەسپىي تېخنىكا پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ رەقەملىك ياسىمىچىلىق تېخنىكا ئەمەلىي مەشىقخانىسىدا ئوقۇغۇچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى