باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

غايەت زور ئەشيا تورى ۋە بازىرىغا ئىگە جۇڭگونىڭ تېخنىكا ئىنقىلابى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، بىر قىسىم ئىلغار ساھەلەردە ئالدا مېڭىشىدىن ئۈمىد بار

2017.09.11 15:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى لو ۋىن 10-ئاۋغۇست ۋۇشىدا ئېچىلغان 2017-يىللىق دۇنيا ئەشيا تورى ۋۇشى باشلىقلار يىغىنىدا: غايەت زور ئەشيا تورى ۋە بازىرىغا ئىگە جۇڭگونىڭ تېخنىكا ئىنقىلابى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، بىر قىسىم ئىلغار ساھەلەردە ئالدا مېڭىشىدىن ئۈمىد بار، دېدى.

  لو ۋىن مۇنداق دېدى: ئېلىمىز ئۆزەك، دېتال، يۇمتال، تېلېگراف تىجارىتى، ئەشيا تورى مۇلازىمىتى قاتارلىق ساھەلەردە بىر قەدەر مۇكەممەل كەسىپ زەنجىرىگە؛ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ، ئىلغار تېخنىكىلىق كۆچمە خەۋەرلىشىش تورىغا ئىگە، ئەشيا تورى كەسپىنىڭ كۆلىمى 900 مىليارد يۈەندىن ئاشۇد، يىللىق بىرىكمە ئېشىش نىسبىتى %25تىن ئاشىدۇ. ئېلىمىز كەسىپكە يۈزلەنگەن يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى، نۇقتىلىق تەجرىبىخانا قاتارلىقلارنى قۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشقا ماسلىشىپ تېخنىكا ئۆتكىلىنى بۆسۈپ، ئەشيا تورىنىڭ ئۆلچەملىك سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىۋى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇپ، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ. بولۇپمۇ ياسىمىچىلىقنى ئەقلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، ئەشيا ئوبوروتى، ئېنېرگىيە، مۇھىت ئاسراش، داۋالاش قاتارلىق مۇھىم ساھەلەردە ئەشيا تورىنى ئومۇملاشتۇرىدۇ. كىشىلەر شۇنىڭغا ئىشىنىش كېرەككى، ئەشيا تورى ئومۇملاشسا، تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ھەمبەھرىلىنىش، تېخىمۇ ئەقلىي بولغان دۇنيا، تېخىمۇ بەختلىك بولغان تۇرمۇش يېتىپ كېلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر