باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ياڭاق بىزنىڭ بېيىش يولىمىز

2017.09.11 15:48         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى قاغىلىق ناھىيەسى يېنىك سانائەت باغچىسىدىكى مېيجيا يېمەك-ئىچمەك چەكلىك شىركىتىنىڭ سېخىدا نەچچە ئون خىزمەتچى ئالدىراش ياڭاق ئايرىۋاتاتتى، بىر خىزمەتچى قولىدىكى خىزمەتنى توختاتمايلا: ياڭاق بىزنىڭ بېيىش يولىمىز، دېدى.

  بۇ كارخانىدا 2000 خىزمەتچى ياڭاق پىششىقلاپ ئىشلەش، ئوراپ-قاچىلاش خىزمىتىنى قىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 800 ئادەم ئارخىپى تۇرغۇزۇلغان نامراتلار.

  بەشئېرىق يېزىسى قاراباغ كەنتىدىن كەلگەن 22 ياشلىق مۇئەتتەر ئابدۇقۇددۇس بۇ يىلنىڭ بېشىدا بۇ يەرگە خىزمەتكە چۈشكەن، ئۇنىڭ بۇ يىللىق كىرىمى 16 مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ، ئۇ: ھازىر مەن تاپقان پۇل ئۆتكەن يىلى ئائىلىمىز تاپقان پۇلغا تەڭ، دېدى.

  تارىم ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىدىكى بوستانلىق ناھايىتى قۇرغاق، يامغۇرمۇ ئاز ياغىدۇ، لېكىن بۇ جايدا ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى سۈپەتلىك ياڭاق ئۆسىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مىكرو ئېلېمېنت مىقدارى، ۋىتامىن تۈرى كۆپ بولغان شىنجاڭ ياڭىقى، بولۇپمۇ پىششىقلاپ ئىشلەنگەن ياڭاق مەھسۇلاتلىرى ئىستېمالچىلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.

  مېيجيا يېمەك-ئىچمەك چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى پىڭ خۇڭچۈن بەش يىل بۇرۇنلا شىنجاڭ ياڭىقىنىڭ سودىسىغا كىرىشكەن، كېيىن ياڭاق سۈتى، ياڭاق مېيى، ياڭاق ئاقسىلى، ئاكتىپ كاربون قاتارلىق پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى بازارغا سالغان. ئۆتكەن يىلى بۇ شىركەتنىڭ ئومۇمىي سودىسى 68 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

  پىڭ خۇڭچۈن مۇنداق دېدى: بىز باغۋەنلەردىن ياڭاق سېتىۋالغاندا ئەڭ تۆۋەن باھانى قوغداش ئۇسۇلىنى قوللىنىمىز، بۇ باھا باغۋەنلەر ئۆز ئالدىغا ساتقان باھادىن بىر ھەسسە يۇقىرى، ئۇنىڭ ئۈستىگە باھا مۇقىم بولغاچقا، بازار خەۋپىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

  شىنجاڭنىڭ يەكەن دەرياسى بويىدا ياڭاق تېرىش نەچچە مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە، بۇنىڭ ئىچىدە قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ "جۇڭگودىكى ياڭاق يۇرتى" دېگەن نامى بار، ياڭاق كۆلىمى 580 مىڭ موغا يېتىدۇ. قاغىلىق ناھىيەسىدە نۇرغۇنلىغان ياڭاق پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرى ۋە كەسپىي كوپىراتىپلار بارلىققا كېلىپ، ئاممىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرىدىغان باشلامچىلارغا ئايلاندى.

  قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ دائىمىي ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن ھاكىمى سۈي ۋىنشىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىر پۈتۈن ناھىيەدە ياڭاق تېرىش، پىششىقلاپ ئىشلەش، سېتىش ساھەسىدە 320 مىڭ ئادەم خىزمەت قىلىدۇ، ئۇنىۋېرسال مەھسۇلات قىممىتى 2 مىليارد يۈەنگە يېتىدۇ، ئۆتكەن يىلى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ياڭاقتىن قىلغان كىرىمى 4500 يۈەنگە يەتتى، بۇ ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدۇ. 2010-يىلىدىن بۇيان، تەخمىنەن 100 مىڭ ئادەم ياڭاق كەسپىگە تايىنىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر