باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى شەرەپ بىلەن قايتىپ كەلدى

جەمئىي 26 دانە مېدالغا ئېرىشتى

2017.09.11 14:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  9- چېسلا، 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئالتە ئالتۇن مېدال، سەككىز كۈمۈش مېدال، 12 مىس مېدال ئېلىپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا شەرەپ بىلەن قايتىپ كەلدى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9- ئاينىڭ 8- كۈنى، 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تيەنجىندە يېپىلدى. شىنجاڭ تەنتەربىيە ئەزىمەتلىرى جەمئىي 26 مېدالغا ئېرىشكەن بولۇپ، بۇ، ئالدىنقى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئېرىشكەن 16 مېدالنىڭ سانىدىن خېلىلا ئېشىپ كەتكەن.

  بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، شىنجاڭ بويىچە 206 نەپەر تەنھەرىكەتچى 18 چوڭ تۈر ۋە 71 كىچىك تۈر بويىچە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىلەرگە كىرىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى، ھەمدە بۇ جەھەتتىكى سانى ئالدىنقى نۆۋەتتىكىسىدىن %70 ئېشىپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرگەن تۈرى ئەڭ كۆپ ۋە ئادەم سانى ئەڭ كۆپ بولغان بىر قېتىملىق مۇسابىقە بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭدىكى 30 نەپەر تەنھەرىكەتچى مەملىكەتلىك ئاممىۋى تەنتەربىيە تۈرىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى سالاھىيىتىگە ئېرىشتى، ھەمدە سەككىز چوڭ تۈر ۋە 18 كىچىك تۈر بويىچە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر