- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
تەپسىلىي خەۋەر: «ئۇلۇغ ئىسلاھات، تارىخىي ھالقىش _ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ۋە گۈللەندۈرۈشكە رەھبەرلىك قىلىش ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈش خاتىرىسىنىڭ ئۈچىنچىسى»
2017.09.11 15:46 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى تۈنۈگۈن «ئۇلۇغ ئىسلاھات، تارىخىي ھالقىش _ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ۋە گۈللەندۈرۈشكە رەھبەرلىك قىلىش ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈش خاتىرىسىنىڭ ئۈچىنچىسى» دېگەن تەپسىلىي خەۋەرنى ئېلان قىلدى.
ماقالىدا پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئومۇملۇقنى نەزەرگە ئېلىپ، ۋەزىيەتنى پەملەپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى قەتئىي بوشاشماي ئىلگىرى سۈرۈپ، تارىختىكى مىسلىسىز ئىسلاھات پىلانىنى تۈزۈپ، رەھبەرلىك ۋە قوماندانلىق تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىپ، كۆلەم قۇرۇلمىسى ۋە كۈچ سەپلىمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، خىل قوشۇن بەرپا قىلىپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئىسلاھات ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۇلۇغ مۇساپىسىدا مەزمۇت قەدەملەر بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقانلىقى تەپسىلىي خاتىرىلەنگەن.
ماقالىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: بەش يىلدىن بۇيان، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتى مەزمۇت قەدەملەر بىلەن مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، جۇڭگوچە ھەربىي كۈچ سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا قاراپ تارىخىي قەدەم تاشلىنىپ، تارىخىي بۆسۈش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، تارىخىي نەتىجە ھاسىل قىلىندى. بۇ ئارقىلىق ئارمىيەمىزنىڭ تۈزۈلمىسى، قۇرۇلمىسى، ئەندىزىسى، قىياپىتى يېڭىلىپ، سىياسىي ئېكولوگىيەسى، تەشكىلىي ئېكولوگىيەسى، كۈچ سىستېمىسى، ئىستىلى ۋە ئوبرازى قايتا بەرپا قىلىنىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىغا قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئاتا قىلىندى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا چوڭقۇر ئاساس سېلىندى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر