باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل تولۇقلىمىسىنى چېكىندۈرۈش سىياسىتىنى بېكىتتى

2017.09.11 10:15         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى يېقىندا ئېلىمىز يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل تولۇقلىمىسىنى چېكىندۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئېشىپ كېتىشتىن ساقلىنىشنى ئايدىڭلاشتۇردى دېدى.

  ئېلىمىز يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ تېز تەرەققىياتى-مالىيە، باج سىياسەتلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. مالىيە مىنىستىرلىقى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۇڭ چيۇلىڭ مۇنداق دېدى: يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل بازارلىرىنىڭ دەسلەپكى تەرەققىيات مەزگىلىدە، مالىيە تولۇقلىمىسى بېرىش-ئىستېمالغا ئىلھام بېرىشنىڭ ئەڭ بىۋاسىتە ۋاسىتىسى، مالىيە مىنىستىرلىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە بىر يۈرۈش مالىيە، باج سىياسىتى سىستېمىسىنى ئورناتتى. ئىستېمال تولۇقلىمىسى سىياسىتىنىڭ ئەسلى مەقسىتى بازار يېتىشتۈرۈش، ئەمەلىيەت-بۇنىڭ ئۈنۈملۈك چارە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. لېكىن ئىستېمال تولۇقلىمىسىنى ئۇزۇن مۇددەت ئىجرا قىلغاندا، كارخانىلارمۇ ئاسانلا سىياسەتكە يۆلىنىۋېلىش كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ، كەسىپتە ئاسانلا تۆۋەن سەۋىيەدە قارىغۇلارچە كېڭەيتىش ئەھۋالى كېلىپ چىقىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئېشىپ كېتىدۇ، نۆۋەتتە تولۇقلىمىنى چېكىندۈرۈش سىياسىتى ئېنىق بولدى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: كەلگۈسىدە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل رىقابىتى تېخىمۇ كەسكىنلىشىدۇ، ئېلىمىزنىڭ ئاپتوموبىلدا كۈچلۈك دۆلەت بولۇش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، نۆۋەتتىكى ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتى ئاساسىدا، سىياسەت، تەدبىرلەرنى ۋاقتىدا تەڭشەپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشتىكى ھاياتىي كۈچى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇش زۆرۈر.

  سۇڭ چيۇلىڭ مۇنداق دېدى: مالىيە تولۇقلىمىسى سىياسىتىنى چېكىندۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغاندىن كېيىن، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل كەسپىنى يۆلەش سالمىقى ئاجىزلاپ كەتمەيدۇ. بىز ئالاقىدار تارماقلارنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سۇپىسىنى تېزدىن قۇرۇشىنى قوللاپ، كەسىپنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئىگىلەپ تۇرىمىز؛ يەنە بىر تەرەپتىن زەرەتلەش ئەسلىھەلىرىدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تېزدىن تولۇقلاپ، 13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە زەرەتلەش ئۇل ئەسلىھەلىرىنى مۇكاپاتلاش سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جايلارنىڭ جەمئىيەت دەسمايىسى ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، زەرەتلەش ئەسلىھەلىرىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشىگە ئىلھام بېرىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر