باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ تەكلىپكە بىنائەن گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل بىلەن تېلېفونلاشتى

2017.09.08 10:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9-ئاينىڭ 7-كۈنى تەكلىپكە بىنائەن گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر جۇڭگو-گېرمانىيە مۇناسىۋىتى يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاۋاتىدۇ. مەن يېقىندا گېرمانىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان ۋە 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلىرىنىڭ ھامبۇرگ ئۇچرىشىشىغا قاتناشقان مەزگىلدە، زۇڭلى خانىم بىلەن جۇڭگو-گېرمانىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقئارا ئىشلاردىكى ئالاقىلىشىش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىش جەھەتتە يېڭى ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدىم. جۇڭگو-گېرمانىيە ھەمكارلىقىنىڭ ئەھمىيىتى ئاللىبۇرۇن ئىككى تەرەپ دائىرىسىدىن ھالقىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تېخىمۇ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا، جۇڭگو گېرمانىيە بىلەن كۆپ تەرەپلىك رامكا ئىچىدە قول تۇتۇشۇپ داۋاملىق ھەمكارلىشىشنى خالايدۇ.

  مېركىل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 7-ئايدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، بۇ گېرمانىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد-سودا، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالاقىسى بارغانسېرى قويۇقلاشتى. گېرمانىيە جۇڭگو بىلەن مۇھىم خەلقئارا ۋە رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىدە داۋاملىق پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ماسلىشىشنى خالايدۇ.

  ئىككى دۆلەت رەھبىرى چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇش نىشانىدا چىڭ تۇرىدۇ، خەلقئارا يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتىۋەتمەسلىك سىستېمىسىنى، شەرقىي شىمال ئاسىيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغدايدۇ. پاكىت قايتا-قايتا ئىسپاتلىدىكى، چاۋشيەن يېرىم ئارىلى مەسىلىسىنى ئاخىرىقى ھېسابتا سۆزلىشىش، كېڭىشىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تىنچ ئۇسۇل ئارقىلىقلا ھەل قىلغىلى بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن خەلقئارا جەمئىيەت ئورتاق تىرىشىشى لازىم.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر