باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ بىلەن ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ 5-نۆۋەتلىك جۇڭگو پەن-تېخنىكا شەھەرچىسى خەلقئارا پەن-تېخنىكا كۆرگەزمىسى ئۈچۈن تەبرىك خېتى ئىۋەتتى

2017.09.08 11:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ بىلەن ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ 9-ئاينىڭ 7-كۈنى 5-نۆۋەتلىك جۇڭگو (ميەنياڭ) پەن-تېخنىكا شەھەرچىسى خەلقئارا پەن-تېخنىكا كۆرگەزمىسى شۇنىڭدەك ئىسرائىلىيە ئاساسىي مېھمان دۆلەت پائالىيىتى ئۈچۈن تەبرىك خېتى ئىۋەتتى.

  لى كېچياڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق بىلدۈردى: ھازىر دۇنيادا يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن-تېخنىكا ئىنقىلابى بىلەن كەسىپ ئىسلاھاتى قوزغىلىۋاتىدۇ. جۇڭگو پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، تەرەققىياتقا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش ۋە زورايتىش، ئەنئەنىۋى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادنىڭ ئۇتتۇرىھالدىن يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىشىنى، ئۇتتۇىھالدىن يۇقىرى سەۋىيەگە يېتىشىنى ئىلگىرى سۈردى. جۇڭگونىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىدىكى تەرەققىياتى ئوچۇق تەرەققىيات. بىز پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشى ۋە ئېشىشىغا تېخىمۇ تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، خەلقئارا ھەمكارلىقنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، دۇنياۋى يېڭىلىق يارىتىش تورى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشنى خالايمىز.

  لى كېچياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل دەل جۇڭگو-ئىسرائىلىيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىغا 25 يىل بولدى، شۇنداقلا جۇڭگو بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىدىكى ئومۇميۈزلۈك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ باشلانما يىلى. بىز ئىسرائىلىيە تەرەپ بىلەن يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىدا ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، يېڭى يارقىن نۇقتا بىلەن ئېشىش نۇقتىسى يارىتىشنى خالايمىز. ئىككى تەرەپنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىدىيەسى جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىدا ھەمكارلىشىشنىڭ ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىر-بىرىنى تولۇقلاش، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىشنى تېخىمۇ ياخشى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشىنى، شۇنداقلا خەلقئارا يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىدا ھەمكارلىشىش ۋە پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر