- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
كەسپىي تېخىنىكا مەكتىپىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار ئەنخۇي ئۆلكىسىگە پىراكتىكا قىلىشقا يۈرۈپ كەتتى
2017.09.11 16:20 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن، ھاۋاگۈل ئىمرەمزى خەۋىرى) 9-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئاۋات ناھىيەسىدە كەسپىي تېخىنىكا مەكتىپىنى پۈتكۈزگەن 240 ئوقۇغۇچى ئەنخۇينىڭ باۋلۇڭدا گۇرۇھىغا بېرىپ پىراكتىكا قىلىشقا ئۇزۇتۇپ قويۇلدى.
ئاۋات ناھىيەلىك كەسپىي تېخىنىكا مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى مەربىيە ئەخمەت مۇنداق دېدى: ئاۋات ناھىيەلىك كەسپىي تېخىنىكا مەكتىپىدە ناھايىتى ياخشى ئوقۇدۇم. ئوقۇش پۈتكۈزۈپ تۇرۇشۇمغىلا ئەنخۇي ئۆلكىسىگە بېرىپ پىراكتىكا قىلىشقا تەكلىپ قىلىندىم. مەن ئۆگەنگەن بىلىملىرىمنى ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىپ، تېخىنىكامنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياراملىق سانائەت ئىشچىسىغا ئايلىنىمەن.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاۋات ناھىيەسى ياشلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇھىم ئەلرايى خىزمىتى قاتارىدا چىڭ تۇتۇپ، مۇناسىۋەتلىك فونكسىيەلىك تارماقلارنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى كارخانىلار بىلەن پائال ھەمكارلىشىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتتى.
ئوقۇشىمىزچە، بۇ قېتىم پىراكتىكا قىلىشقا تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىلار پىراكتىكا ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇسىغا ئاساسەن، ئىچكىرىدىكى كارخانىلاردا داۋاملىق ئىشلىسىمۇ ياكى يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىسىمۇ بولىدىكەن.
ئاۋات ناھىيەلىك كەسپىي تېخىنىكا مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى مۇنىرە ئابلىز مۇنداق دېدى: مەن ئىچكىرىگە بارغاندىن كېيىن ئىنتىزامغا ئاڭلىق بويسۇنۇپ، ئۆگەنگەنلىرىمنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، تېخىنىكا ماھارىتىمنى ئۆستۈرۈپ، پىراكتىكا مەزگىلى توشقاندىن كېيىن يۇرتۇمغا قايتىپ كېلىپ، ئۆز ئالدىمغا ئىگىلىك تىكلەيمەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر