9- ئاينىڭ 9- كۈنى، مېكسىكا ۋاخاكا ئىشتاتىنىڭ خۇچىتان شەھىرىدە، قۇتقۇزغۇچى خادىملار ۋە قۇتقۇزغۇچى ئاپشاركىلار ئۆي خارابىلىرى ئۈستىدە ئادەم ئىزدىمەكتە.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مېكسىكا ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى مەلۇماتقا قارىغاندا، 9- ئاۋغۇست كەچكىچە، مېكسىكىنىڭ يەر تەۋرەشتە قازا قىلغان ئادەم سانى 90گە يەتكەن. مېكسىكا ھەربىي تەرەپ ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئاپەت ئەڭ ئېغىر يۈز بەرگەن ۋاخاكا ئىشتاتىنىڭ خۇچىتان شەھىرىگە قۇتقۇزۇش خادىملىرىنى كۆپەيتىپ ئېۋەتىپ، شۇ جايدىكى ئاممىنى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بىلەن تەمىنلىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى