باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

خۇبېيلىق ئوقۇتقۇچى يى سەيخۇا شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدە ماكانلىشىپ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشتى

2017.09.11 10:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خۇبېيلىق ئوقۇتقۇچى يى سەيخۇا شىنجاڭغا ئىككى قېتىم نىشانلىق ياردەم بېرىشكە بارغاندىن كېيىن، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدە ماكانلىشىپ، ئوقۇتۇش، تەربىيەلەش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، خۇبېي ۋە شىنجاڭدىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشتى.

  شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 5-دىۋىزىيەسى چېگرا پوللىك-مەيدانى 88-پوللىكىدە، ئوقۇغۇچىلار شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئوقۇتقۇچى يى سەيخۇانىڭ دەرسىنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ. يى سەيخۇا دەرسخانىدا ئوقۇغۇچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ماھىرلىق بىلەن سۆزلەپ، ھەرمىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشكە يېتەكلەيتتى.

  يى سەيخۇا دەرس ئۆتكەندە ھېكمەتلىك سۆزلەر، ماقال-تەمسىللەر، ئەمەلىي مىساللارنى سۆزلەپ تۇرغاچقا، ئوقۇغۇچىلارمۇ دەرسنى ئاسانلا چۈشىنىۋالاتتى، دەرسخانىنىڭ كەيپىياتىمۇ جانلىق بولاتتى.

  قازاق ئوقۇغۇچى دىنبەر ئىككى يىل بۇرۇن 88-پوللىك ئوتتۇرا مەكتىپىگە يۆتكىلىپ كەلگەن، ئۇنىڭ خەنزۇچىسى، تەلەپپۇزى ياخشى بولمىغاچقا سۆزلەشكە جۈرئەت قىلالمايتتى، نەتىجىسى سىنىپنىڭ ئارقىسىدا ئىدى. يى سەيخۇا ئۇنىڭغا مەدەت بېرىپ، بىرمۇ-بىر تەكرار قىلىپ بېرەتتى. بۇ يىل دىنبەرنىڭ نەتىجىسى سىنىپ بويىچە ئالدىنقى 10نىڭ ئىچىگە كىردى. ھەر قېتىم تېكىست ئوقۇغاندا، دىنبەر بىرىنچى بولۇپ قول كۆتۈرىدىغان بولدى.

  2012-يىلى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان تۇنجى تۈركۈمدىكى ئوقۇتقۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يى سەيخۇا خۇ بېينىڭ چيەنجياڭ شەھىرىدىن شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 88-پوللىكىگە كەلگەن. يېرىم يىللىق ۋەزىپىسى توشقاندا، ئۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساددىلىقى، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەمچىللىكى كۆرۈپ، پوللىكنىڭ ئىلتىماسى بىلەن شىنجاڭغا داۋاملىق ياردەم بېرىشنى قارار قىلدى. 2015-يىلى 9-ئايدا، ئۇ ئۆيدىكىلىرىنى ماقۇل كەلتۈرۈپ، ئاتا-ئانىسى، ئايالى ۋە بالىلىرىنى ئېلىپ شىنجاڭغا كېلىپ، 88-پوللىكتە ماكانلىشىپ قالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئوقۇغۇچىلار مەندەك ئوقۇتقۇچىغا ئېھتىياجلىق ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىڭتۈەنلىكلەرنىڭ جاپالىق شارائىتتا تىرىشىۋاتقانلىقى مەندە قايىللىق تۇيغۇسى پەيدا قىلدى، بىزنىڭ بالىلار ئۈچۈن قۇربان بېرىش مەسئۇلىيىتىمىز بار.

  يى سەيخۇا ئىلغار ئىدىيەلەرنى سىنىپقا ئەكىرىپلا قالماستىن يەنە دائىم ئوچۇق دەرس، ئوقۇتۇش لېكسىيەسى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئوقۇتۇش لايىھەسى تۈزۈپ، ئۆزىنىڭ تەجرىبىلىرىنى خىزمەتداشلىرىغا يەتكۈزدى. ئۇنىڭ ياردىمى بىلەن، 27 ياشلىق ما جىڭ قىسقىغىنا ئىككى يىل ئىچىدە مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىغا ئايلاندى.

  ما جىڭ مۇنداق دېدى: يى سەيخۇا مۇئەللىم مەن ئۆتكەن ئەدەبىيات دەرسىنى دائىم ئاڭلايدۇ، مەن قىلغان سۆزلەر، مېنىڭ ئوقۇتۇش ئۇسۇلىمۇ خاتىرىلەپ، دەرستىن كېيىن كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى ماڭا كۆرسىتىپ بېرىدۇ، ئوقۇتۇش لايىھەسى، سۆزلەش ئۇسلۇبۇم قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى تەھلىل قىلىدۇ، ئاۋۋال ياخشىنى دەپ ئاندىن كەمچىلىكىمنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

  چېگرا رايونىدا ماكانلىشىپ، مائارىپ ئىشلىرىغا ئۆزىنى ئاتىغان يى سەيخۇا ئەتراپتىكىلەرنى تەسىرلەندۈردى. يېقىنقى بىر قانچە يىلدا، 88-پوللىك ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى خېلى مۇقىملاشتى. بۇ يىلقى تولۇق ئوتتۇرا ئىمتىھانىدا، ئۇنىڭ سىنىپىنىڭ نۇقتىلىق مەكتەپكە ئۆتۈش نىسبىتى %60تىن ئېشىپ كەتتى، 7-8-ئايلاردا، يەنە بىر تۈركۈمدىكى خۇبېيدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغانلار مۇساپىنى يىراق كۆرمەي پوللىككە كەلدى. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ئوقۇتقۇچى خۇ جۇڭشىڭ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى بىڭتۈەن پەرزەنتلىرى قۇملۇقتا چېگرانى قوغداشقا ئۆزىنىڭ ياشلىقىنى تەقدىم قىلغان. ياشلىق بۈگۈنكى كۈندە بىڭتۈەن پەرزەنتلىرى چېگرانىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشقا تۆھپە قوشۇۋاتىدۇ. بۇ بىڭتۈەنلىكلەرنىڭ روھى، 88-پوللىكنىڭ روھى، مېنىڭچە بۇ روھ يى سەيخۇا مۇئەللىمنى جەلپ قىلغان، بىزنى جەلپ قىلغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر