باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «پىكىر» بېسىپ تارقىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى

2017.09.11 15:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر» نى بېسىپ تارقىتىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇشتىكى ئومۇمىي تەلەپ، نۇقتىلىق ۋەزىپە ۋە كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.

  «پىكىر» دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، يېشىل سۈپەتلىك ئاشلىق مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشنى كۈچەيتىش، دېھقانلارنىڭ بازارلاشتۇرۇش ۋەزىيىتىدىكى ئاشلىق سېتىش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇش ۋە ئاشلىقنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، سۈپەتلىك ئاشلىق قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ۋە سۈپىتىنى ياخشىلاپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ سىجىللىققا ئىگە ئاشلىق بىخەتەرلىكى كاپالەت سىستېمىسى بەرپا قىلىشنىڭ كەسىپ ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك.

  «پىكىر» دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: 2020-يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالى ۋە ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان زامانىۋى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش كەسپى سىستېمىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىپ، مەملىكەت بويىچە سۈپەتلىك ئاشلىق مەھسۇلاتى نىسبىتىنى 10 پىرسەنت پوئىنت ئەتراپىدا ئۆستۈرۈپ، ئاشلىق كەسپى قوشۇلما قىممىتىنى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %7 ئەتراپىدا يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئاشلىق پىششىقلاپ ئايلاندۇرۇش نىسبىتىنى %88 كە يەتكۈزۈپ، ئاساسلىق ئاشلىق يېمەكلىكلىرىنى سانائەتلەشتۈرۈش نىسبىتىنى %25 تىن ئاشۇرۇپ، ئاساسلىق تىجارەت كىرىمى 10 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغان ئاشلىق كارخانىلىرىنىڭ سانىنى 50 تىن كۆپەيتىپ، كەسىپلەشكەن چوڭ باشلامچى ئاشلىق كارخانىلىرى ۋە ئاشلىق كەسىپ توپىنىڭ تەسىر كۆرسىتىش ۋە تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، ئاشلىق پەن-تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە ئاشلىق سۈپىتى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر