خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-ئاينىڭ 10-كۈنى، جۇڭگو ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى ئەزالىرى مۇكاپات ئېلىش سەھنىسىدە غەلىبىسىنى تەبرىكلىمەكتە.
شۇ كۈنى، ياپونىيەنىڭ ناگويا ئۇنىۋېرسال تەنتەربىيە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن 2017-يىللىق خەلقئارا ۋالىبول بىرلەشمىسى ئاياللار ۋالىبول چېمپىيونلۇق لوڭقىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئايلانما مۇسابىقىسىدە، جۇڭگو كوماندىسى بىرگە قارشى ئۈچ نەتىجە بىلەن ياپونىيە كوماندىسىنى يېڭىپ، ئۇدا بەش قېتىم يېڭىشتەك نەتىجە بىلەن بۇ تۈرلۈك مۇسابىقىدە چېمپىيون بولدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى