باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا 5000 مەمۇر ۋە ئوقۇتقۇچى مائارىپقا ياردەم بېرىشكە تاللاپ ئەۋەتىلىدۇ

2017.09.11 15:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار قوش تىل مائارىپىدىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش ئۈچۈن، شىنجاڭدا بۇ يىل كۈزلۈك يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ، ھەر يىلى يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان 5000 مەمۇر ۋە ئوقۇتقۇچى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست يېزىلىرىدىكى بالىلار باغچىسىدا بىر يىل ئوقۇتۇشقا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتىش قارار قىلىندى.

  9-سېنتەبىر، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل كۈز پەسىللىك يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمىدىن باشلاپ، شىنجاڭدا يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان 3000 مەمۇر ۋە 2000 ئوقۇتقۇچى تاللىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى يېزىلاردا ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار قوش تىل مائارىپى بويىچە بىر يىللىق مائارىپقا ياردەم بېرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، تاللاپ ئەۋەتىلىدىغان يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان مەمۇرلار سىياسىي-قانۇن مەخسۇس ئىشتاتىغا يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان خەلق ساقچىلىرى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى يېزا-بازار مەمۇرلىرى، تاللاپ ئىشلىتىلىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئۆز ئىچىگە ئېلىنمايدىكەن، يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان ئوقۇتقۇچىلار جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان ئوقۇتقۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىكەن.

  بەلگىلىمە بويىچە، تاللاپ ئەۋەتىلىدىغان يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان 5000 مەمۇر ۋە ئوقۇتقۇچى قىشلىق، يازلىق تەتىلدىن بەھرىمەن بولىدىكەن، مائارىپقا ياردەم بېرىش مەزگىلىدە، جەنۇبىي شىنجاڭ خىزمەت ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولۇش ئاساسىدا، يەنە ھەر ئايدا 2600 يۈەن تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مائارىپقا ياردەم بېرىش خادىملىرىنىڭ كادىر مۇناسىۋىتى يەنىلا ئەسلىي ئورۇندا ساقلىنىپ قالىدىغان بولۇپ، پاراۋانلىق تەمىناتى ئۆزگەرمەيدىكەن، مۇددىتى توشقاندىن كېيىن ئەسلىي ئورنىغا قايتىپ خىزمەت قىلىدىكەن. يېڭى تەكلىپ قىلىنغان ئوقۇتقۇچىلار ئەگەر ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرى بولسا، بىر يىل مائارىپقا ياردەم بېرىش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، بېكىتىلگەن مەكتەپتىكى ئىش ئورنىغا قايتىپ داۋاملىق مۇلازىمەت قىلىدىكەن.

  جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست قەشقەر، خوتەن ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، قوش تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ سانى ئاز، سۈپىتى جەھەتتە «قۇرۇلما خاراكتېرلىك كەمچىللىك» قاتارلىق مەسىلىلەر ئىزچىل ئىنتايىن گەۋدىلىك بولماقتا. بۇنىڭ ئۈچۈن، شىنجاڭدا بۇ يىل جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى يېزا رايونلىرى مۇھىم نۇقتا قىلىنىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يېڭىدىن 4387 قوش تىل يەسلىسى قۇرۇلدى ياكى كېڭەيتىپ قۇرۇلۇپ، يېزىلاردىكى بالىلارنىڭ يەسلىگە كىرىش ئومۇمىي سانى 1 ملىيون 128 مىڭ 900گە يېتىپ، يېزىلاردا ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى بويىچە ئۈچ يىللىق ھەقسىز قوش تىل مائارىپى بىلەن تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر