ئۈرۈمچى شەھىرى بۇ يىل يەتتە ياشقا كىرگەن ئافغانىستانلىق ۋاشدۇللا تۇنجى قېتىم ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ كەلگەن چەت ئەل شەھىرىدۇر. بىر ھەپتىدىن بۇيان، بېيجىڭ ۋە شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن مۇتەخەسسىسلەر شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىغا جەم بولۇپ ۋاشدۇللا قاتارلىق تۇغما يۈرەك كېسىلى بار ئافغانىستانلىق 17 بالىنى ھەقسىز ئوپېراتسىيە قىلىپ، ئۇلارنى قايتىدىن ھاياتلىققا ئېرىشتۈردى.
بۇنى يەنە جۇڭگو - ئافغانىستان دوستلىقى، شىنجاڭ بىلەن ئوتتۇرا، غەربىي ئاسىيادىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۇزۇن ئەسىرلىك دوستانە مۇناسىۋىتى، «يىپەك يولى» ئىقتىساد بەلبېغى رايونىدىكى ھەر قايسى ئەللەرنىڭ بېرىش - كېلىشى ئۈچۈن بېسىلغان ئىنتايىن مۇھىم قەدەم، دېيىشكە بولىدۇ.
تۇغما يۈرەك كېسىلى بار ئىككى ياشلىق ئافغانىستانلىق بالا ئەنجىزا 6-سېنتەبىر سائەت 19دىن 06 مىنۇت ئۆتكەندە شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىسىنىڭ ياتىقىدا كىچىككىنە قوللىرى بىلەن دادىسىنىڭ قولىنى چىڭ تۇتماقتا.
تۇغما يۈرەك كېسىلى بار ئافغانىستانلىق 21 بالا جۇڭگو قىزىل كىرېست فوندى جەمئىيىتىنىڭ «يىپەك يولى» مېھرىبانلىق فوندى «پەرىشتىلەر سەپىرى ــ ‹بىر بەلباغ، بىر يول› ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان بالىلارنى ئىنسانپەرۋەرلىك بويىچە قۇتقۇزۇش پىلانى» بويىچە 30 -ئاۋغۇست سائەت 18 لەردە ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدى. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ چوڭقۇرلاپ تەكشۈرۈشى نەتىجىسىدە تۆت بالا ئوپېراتسىيەگە مۇۋاپىق كەلمىگەچكە ئوپېراتسىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇلمىدى، ئوپېراتسىيەگە مۇۋاپىق كېلىدىغان باشقا 17 بالىنىڭ ئوپېراتسىيەسى ئوڭۇشلۇق بولدى، ئۇلار كېلەر ھەپتە ئارقا-ئارقىدىن دوختۇرخانىدىن چىقىپ ئۆيلىرىگە قايتىدۇ.
جۇڭگو قىزىل كىرېست فوندى جەمئىيىتىنىڭ «يىپەك يولى» مېھرىبانلىق فوندى «پەرىشتىلەر سەپىرى ــ ‹بىر بەلباغ، بىر يول› ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان بالىلارنى ئىنسانپەرۋەرلىك بويىچە قۇتقۇزۇش پىلانى»نى قانات يايدۇرغان بولۇپ، پىلاننىڭ بىرىنچى باسقۇچىدا تۇغما يۈرەك كېسىلى بار 100 بالا قۇتقۇزىلىدىكەن.