باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ تەپمە بوكس كوماندىسىنىڭ ماھىرى تيەن جيەن ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى

2017.09.08 15:04   مەنبە: خەلق تورى

مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە شىنجاڭ تەپمە بوكس كوماندىسىنىڭ ماھىرى تيەن جيەن ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7- چېسلا، مەملىكەتلىك 13- نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى ئەرلەرنىڭ 80 كىلوگىرامدىن يۇقىرى دەرىجىلىكلەر تەپمە بوكس مۇسابىقە تۈرىدە، كەسكىن ئېلىشىش نەتىجىسىدە، شىنجاڭ ۋەكىللەر كوماندىسىنىڭ ماھىرى تيەن جيەن ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى.

  شۇ كۈنى، شىنجاڭ تەپمە بوكس كوماندىسىنىڭ ماھىرى تيەن جيەن سەككىز كۈچلۈكنى تاللاش مۇسابىقە تۈرىدە، 4كە قارشى 24 نومۇر بىلەن شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى كوماندىسىنىڭ ماھىرى خۇ ياشىننى ئۇتۇۋالغان؛ يەنە تۆت كۈچلۈكنى تاللاش مۇسابىقىسىدە 2گە قارشى 23 نومۇر بىلەن خۇبېي كوماندىسىنىڭ ماھىرى جاۋ مىڭمىڭنى ئۇتۇۋالغان؛ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە 3كە قارشى 22 نومۇر بىلەن ئىچكى موڭغۇل كوماندىسىنىڭ ماھىرى سۈن خۇڭيىنى يېڭىپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرگەن.

  ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە، تيەن جيەن 5كە قارشى 20 نومۇر بىلەن لياۋنىڭ كوماندىسىنىڭ ماھىرى ياڭ يىنى يېڭىپ، غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەن.

  ھازىرغىچە، شىنجاڭ ۋەكىللەر كوماندىسى ئالتە ئالتۇن مېدال، يەتتە كۈمۈش مېدال، 12 مىس مېدالغا ئېرىشكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشسىز قېلىشى…
    ·ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن 4000 ئوقۇغۇچى ئىچكىرىگە تەربىيەلىنىشكە تاللاپ ئەۋ…
    ·2018- يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بېرىشنىڭ دەسلەپكى ئىمتىھان ۋاقتى بېكىتىلدى
    ·بەش جۈپ قوشكېزەك نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىگە قوبۇل قىلىندى 
    ·دۆلىتىمىزنىڭ كەسپىي مائارىپ دۆلەت ئوقۇتۇش ئۆلچىمى سىستېمىسىنىڭ رامكىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى
    ·ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېزىلاردا يېڭىدىن سېلىنغان 4408 يەسلى قۇرۇلۇشى ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇپ بېرىلدى
    ·بىر تۈركۈم يېڭى بەلگىلىمىلەر 9-ئايدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ
    ·ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 324 يەسلىدە ھەقسىز يەسلى مائارىپى يولغا قويۇلىدۇ
    ·1-سېنتەبىردىن باشلاپ مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەردە بىر تۇتاش تۈزۈلگەن ئەخلاق ۋە قا…
    ·شىنجاڭدا ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھانسىز ھالدا تونۇشتۇرۇپ قوبۇل قىلىش سالاھىيىتىنى ھازىرلىغان ئ…