خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربان سايىم خەۋىرى، فوتوسى) 3-سېنتەبىر، باي ناھىيەلىك پارتكوم ئىشخانىسىدىن قېيىر يېزىسى مىسمەھەللىسى كەنتىگە چۈشكەن «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت كومىتېتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن قېيىر يېزىسى مىسمەھەللىسى كەنتىنىڭ كەنت ھويلىسىدا قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن مەززىلىك تائاملار مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى.
كەنت ئاھالىلىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئۆزلىرى تەييارلىغان كاۋاپ، سامسا، پولۇ، پېچىنە، لەڭپۇڭ، قېتىق، سوغۇق سەي قاتارلىق ئۆزگىچە مەززىلىك تائاملارنى ئېلىپ كېلىپ مۇسابىقىگە قاتناشتۇردى ۋە ئاھالىلەر ئېغىز تېگىشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى