باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشسىز قېلىشى، ئوقۇشتىن توختاپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلدى

2017.09.06 17:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «ئوقۇشتىن توختاشنى تىزگىنلەپ، ئوقۇشقا كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنى مۇستەھكەملەش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقىتىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشسىز قېلىشى، ئوقۇشتىن توختاپ قېلىشىنىڭ يەنىمۇ ئالدىنى ئېلىپ، 2020-يىلىغا بارغاندا مەملىكەت بويىچە توققۇز يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ مۇستەھكەملىنىش نىسبىتىنى %95كە يەتكۈزۈش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ قانۇن بويىچە مەجبۇرىيەت مائارىپىدىن بەھرىلىنىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئوقۇشتىن توختاپ قېلىشنى قانۇن بويىچە تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئوقۇشتىن توختاپ قېلىشنى تىزگىنلەش-ئوقۇشقا كاپالەتلىك قىلىش خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ھۆكۈمەت مەجبۇرىيەت مائارىپىدا ئوقۇشتىن توختاپ قېلىشنى تىزگىنلەش-ئوقۇشقا كاپالەتلىك قىلىشتىكى قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، يېتەرسىزلىكنى تۈگىتىپ، تۆۋەن چەكنى كونترول قىلىپ، قايتا ئوقۇشقا كىرىشكە مەمۇرىي ھەيدەكچىلىك قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇشقا كىرىش بويىچە بىرلەشمە تىزگىنلەش-كاپالەتلىك قىلىش خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىش كېرەك. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ ھالدا 16 ياشقا توشمىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ئىشلىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ؛ ئاتا-ئانىلار ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا ۋەسىيلىرى ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار، ئۆسمۈرلەرنى قانۇن بويىچە ۋاقتىدا مەكتەپكە بېرىپ مەجبۇرىيەت مائارىپىنى قوبۇل قىلدۇرۇشى ۋە تاماملىتىشى كېرەك. مەكتەپ ئالاقىدار تۈزۈملەرنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قايتا ئوقۇشقا دەۋەت قىلىش خىزمىتىنى ماسلىشىپ ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

  «ئۇقتۇرۇش» ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇشتىن توختاش سەۋەبىگە قارىتا، خىزمەت تەدبىرلىرىنى بېكىتىپ، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئورۇن ۋە ئادەمگە قاراپ تەدبىر قوللىنىپ، «ئۈچتىن ساقلىنىش»نى تەلەپ قىلدى: بىرىنچى، سۈپەتنى ئاشۇرۇپ ئوقۇشتىن توختاپ قېلىشنى تىزگىنلەپ، ئۆگىنىشتە قىينىلىش ياكى ئوقۇشتىن بىزار بولۇش تۈپەيلى ئوقۇشتىن توختاپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. يېزىلارنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتىنى ياخشىلاپ، يېزىلارنىڭ مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆگىنىشتە قېيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنى يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ يېزا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتىپى بىلەن ئادەتتىكى كەسپىي مائارىپىنى بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى تېخىمۇ جەلپ قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشى كېرەك. ئىككىنچى، نامراتلارنى يۆلەش ئارقىلىق ئوقۇشتىن توختاپ قېلىشنى كونترول قىلىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن ئوقۇشسىز قېلىش، ئوقۇشتىن توختاپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. نامراتلارنى مائارىپ ئارقىلىق يۆلەش ئوبيېكتىنى توغرا بېكىتىپ، نامراتلارنى مائارىپ ئارقىلىق يۆلەش ۋە ياردەم بېرىش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرگەن ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنى ئالدىن يۆلەپ، مېيىپ ئوقۇغۇچىلار ۋە مېيىپلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئالدىن ياردەم بېرىپ، «يېشىل» ئۆرلەپ ئوقۇش يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ، نامرات رايونلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆرلەپ ئوقۇش ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئۈچىنچى، ئوقۇشتىن توختاپ قېلىشنى تىزگىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، مەكتەپ يىراق، مەكتەپكە كىرىش قىيىن بولۇش سەۋەبلىك ئوقۇشتىن توختاپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. مائارىپ چىقىم قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ ياخشىلاپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىنى نۇقتىلىق كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. مەكتەپ ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى ياخشىلاپ، مەكتەپلەرنى قوشۇۋېتىش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ياتاقلىق مەكتەپ قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئادەم ئاز، يول يىراق، قاتناش قولايسىز جايلاردا ئوقۇتۇش نۇقتىسىنى مۇۋاپىق ساقلاپ قېلىپ ياكى تەسىس قىلىپ، يېزا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپ يىراق بولۇش ۋە ياتاقلىق مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە بېرىپ- كېلىشتىكى قاتناش مەسىلىسىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. ئاتا-ئانىلىرى بىلەن بىللە كەلگەن بالىلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ، يېزا مەكتەپلىرىنى تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىغا ئېرىشتۈرۈش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر