خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن 9-ئاينىڭ 4-كۈنى شيامېن خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە زىياپەت بېرىپ، «كېسەك ئالتۇن» دۆلەتلىرى ۋە گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر سۆھبەت يىغىنىغا تەكلىپ قىلىنغان دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جورىلىرى، ئەزىز مېھمانلارنى قارشى ئالدى.
سېنتەبىردىكى شيامېندا مەيىن دېڭىز شامىلى چىقىپ تۇراتتى، ھەممە يەردە بۈك-باراقسان دەرەخلەر سايە تاشلاپ تۇراتتى. دۇڭخەي دېڭىزى ساھىلىغا جايلاشقان شيامېن خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە دۆلەت بايرىقى جەۋلان قىلىپ، گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلغان بولۇپ، دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدىن كەلگەن ئەزىز دوستلارنى كۈتىۋاتاتتى.
كەچ سائەت 6 دىن 25 مىنۇت ئۆتكەندە، «كېسەك ئالتۇن» دۆلەتلىرى ۋە گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر سۆھبەت يىغىنىغا تەكلىپ قىلىنغان دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جورىلىرى كەينى-كەينىدىن يېتىپ كەلدى. شى جىنپىڭ بىلەن پېڭ لىيۈەن ئەزىز مېھمانلار بىلەن بىرمۇ بىر كۆرۈشۈپ، تىنچ-ئامانلىق سوراشتى. شى جىنپىڭ بىلەن پېڭ لىيۈەن ھەر قايسى دۆلەت باشلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ جورىلىرى بىلەن «دۇنيا مەدەنىيەت مىراسى گۇلاڭيۈ» ناملىق رەسىمنىڭ ئالدىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.زىياپەت زالىدا چىراغلار كۆزنى قاماشتۇراتتى، زال ئەزىز مېھمانلار بىلەن لىق تولدى. شادىيانە قارشى ئېلىش مۇزىكىسى ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ بىلەن پېڭ لىيۈەن ئەزىز مېھمانلار بىلەن بىللە زىياپەت زالىغا كىردى.
شى جىنپىڭ سۆز قىلىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋەكالىتەن ھەر قايسى دۆلەت باشلىقلىرى ۋە ئەزىز مېھمانلارنى قىزغىن قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: شيامېن ئىقتىسادى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان، خەلقى خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان، تاشقى ئالاقىسى قويۇق بولغان زامانىۋىلاشقان، خەلقئارالاشقان چوڭ شەھەر، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش كۆزنىكى ۋە ئىجادىي تەرەققىي قىلىش تۇپرىقى. بۈگۈن «كېسەك ئالتۇن» دۆلەتلىرى ۋە گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر سۆھبەت يىغىنىغا تەكلىپ قىلىنغان دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى شيامېنغا جەم بولۇپ، ھەمكارلىق توغرىسىدا ئورتاق كېڭىشىپ، سېھرىي كۈچكە ئىگە بۇ شەھەرگە ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەرنى قالدۇرغۇسى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى