خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ئاۋغۇست، جۇڭگو كوماندىسى ماھىرى گاۋ لىن مۇسابىقىدە.
5-ئاۋغۇست، جۇڭگو پۇتبول كوماندىسى قاتار پايتەختى دوھادا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىدە ئىككىگە قارشى بىر نەتىجە بىلەن ساھىبخان كوماندا قاتار كوماندىسىنى يېڭىپ، 2018-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئاسىيا رايونى تاللاش مۇسابىقىسى 12 كۈچلۈكلەر مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى. ئەمما رۇسىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىدىن قۇرۇق قالدى.
جۇڭگو كوماندىسى بۇ مەيدان مۇسابىقىدە غەلىبە قىلىپ ئۈچ نومۇرغا ئېرىشىپ، ئومۇمىي نۇمۇرى 12گە يەتتى. لېكىن بۇ قېتىم دۇنيا لوڭقىسى 40 كۈچلۈكلەرنى ئالدىن تاللاش مۇسابىقىسىگە ئوخشاش يەنە تەلىيى ئوڭدىن كەلمىدى. گۇرۇپپىدا سۇرىيە بىلەن ئىران 2:2 نەتىجە بىلەن تەڭلىشىپ قالدى، ئۆزبېكىستان بىلەن كورىيە 0: 0 نەتىجە بىلەن تەڭلىشىپ قالدى. بۇ گۇرۇپپىدا ئىران 22 نۇمۇر بىلەن بىرىنچى ئورۇندا، كورېيە 15 نومۇر بىلەن ئىككىنچى ئورۇندا تۇردى؛ سۇرىيە بىلەن ئۆزبېكىستان ئوخشاشلا 13 نۇمۇر ئالغان بولسىمۇ، بىراق سۇرىيە ئۇتۇش ئۈستۈنلۈكى بىلەن ئۈچىنچى ئورۇندا تۇردى؛ جۇڭگو كوماندىسى بەشىنچى ئورۇندا، قاتار كوماندىسى ئەڭ ئارقىدا تۇردى. قائىدە بويىچە، كىچىك گۇرۇپپىدىكى ئالدىنقى ئىككى كوماندا ئىران كوماندىسى بىلەن كورېيە كوماندىسى رۇسىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ كىرىش بېلىتىگە ئېرىشتى، سۇرىيە ئۈچىنچى بولۇپ، قوشۇمچە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ بىر مىنۇت بولغاندا، قاتار كوماندىسى ئاۋۋال نومۇرغا ئېرىشتى. توپ كەتكۈزۈپ قويغاندىن كېيىن جۇڭگو كوماندىسى گەرچە كۆپ قېتىم ھۇجۇم قىلغان بولسىمۇ، لېكىن توپچىلار ئوتتۇرسىدىكى ماسلىشىش يېتەرلىك بولمىدى، ۋاراتار ئالدىدا تېخنىكىسى ياخشى بولماي، كۆپ قېتىم توپ كىرگۈزۈش پۇرسىتىنى ئىسراپ قىلىۋەتتى، مۇسابىقىنىڭ ئاخىرقى 20 مىنۇتى ئىچىدە جاننى ئالىقانغا ئېلىپ قويۇپ ئېلىشقان جۇڭگو كوماندىسى ئاخىرى 74 مىنۇت ئۆتكەندە بىر توپ، 83 مىنۇت ئۆتكەندە يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ، ئاخىرىدا قاتار كوماندىسىنى 2 : 1 نەتىجە بىلەن يەڭدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى