باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مەھەللىلەرگە 850 ئىشتاتلىق خىزمەتچى خادىم قوبۇل قىلىنىدۇ

2017.09.05 16:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى مەھەللىلەرگە ئىشتاتلىق خىزمەتچى قوبۇل قىلىش سالمىقى يەنىمۇ ئاشۇرۇلۇپ، جەمئىي 850 ئىشتاتلىق خىزمەتچى خادىم قوبۇل قىلىش پىلانلاندى. 45 ياشتىن يۇقىرى، مەھەللىدە خىزمەت قىلغان ۋاقتى 15 يىلدىن ئارتۇق بولغان ئىشتاتى يوق خىزمەتچى خادىملار ئايرىم تىزىملىنىپ، مۇئەييەن ساندا مەھەللىلەرنىڭ كەسپىي ئىشتاتىغا قوبۇل قىلىنىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 2017-يىللىق مەھەللىلەردىكى ئىشتاتى يوق خىزمەتچى خادىملارنى ئىشتاتلىق خىزمەتچى خادىملىققا قوبۇل قىلىش يازمىچە ئىمتىھانى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى ئېلىنغان بولۇپ، پۈتۈن شەھەر (ناھىيە) بويىچە توققۇز ئىمتىھان نۇقتىسى، 167 ئىمتىھان مەيدانىدا ئىمتىھان ئېلىش خىزمىتى ئوڭۇشلۇق ئاخىرلاشقان، جەمئىي 4066 نەپەر مەھەللە خىزمەتچى خادىملىرى بۇ يازمىچە ئىمتىھانىغا قاتناشقان.

  ئۇنىۋېرسال نەتىجىسىنى باھالاشتا، ئادەتتىكى نەتىجىسى ۋە ئاممىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسى ئومۇمىي نەتىجىنىڭ %90ىنى ئىگىلەيدىكەن، ئىمتىھان نەتىجىسى ئومۇمىي نەتىجىنىڭ %10ىنى ئىگىلەيدىكەن. ئالتە يىلدىن بۇيان، ئىپادىسى ياخشى بولغان 4000دىن ئارتۇق ئىشتاتسىز مەھەللە خىزمەتچى خادىمى كەسپىي ئىشتاتلىق باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىگە كىرگۈزۈلگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر