باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ چېلىشىش كوماندىسى ئارىدىن 30 يىل ئۆتكەندىن كېيىن يەنە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى

2017.09.06 16:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  4-سېنتەبىر، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ چېلىشىش ماھىرى تۆرباتۇر (سول تەرەپتە) خەلقئاراچە چېلىشىش تۈرىنىڭ 59 كىلوگىراملىقلار ئايرىمىسىدىكى قەدىمچە چېلىشىش بويىچە مۇسابىقىلەشمەكتە

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-سېنتەبىر، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى خەلقئاراچە چېلىشىش تۈرىدە شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىن خۇش خەۋەرلەر يېتىپ كەلدى. ئەرلەر قەدىمچە چېلىشىش 59 كىلوگراملىقلار ئايرىمىسى بويىچە شىنجاڭ كوماندىسى ماھىرى تۆرباتۇر ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى. بۇ، شىنجاڭنىڭ 5-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ چېلىشىش تۈرىدە چېمپىيون بولۇپ 30 يىلدىن كېيىن يەنە چېلىشىش تۈرى بويىچە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشىشى ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇشۇ ۋاقىتقا قەدەر شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى بەش ئالتۇن مېدال، ئالتە كۈمۈش مېدال، توققۇز مىس مېدالغا ئېرىشىشتەك ياخشى نەتىجە ياراتتى.

  بۈگۈن شىنجاڭغا ۋەكالىتەن مۇسابىقىگە قاتناشقان باشقا تۆت ماھىرمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئەرلەر قەدىمچە چېلىشىش تۈرى 59 كىلوگىراملىقلار ئايرىمىسى بويىچە ۋەلىقان سېرىك مىس مېدالغا، ئەرلەر قەدىمچە چېلىشىش تۈرى 85 كىلوگىراملىقلار ئايرىمىسى بويىچە ھەسەن ئەيسا كۈمۈش مېدالغا، ئابدۇسەمى ھېكىم مىس مېدالغا ئېرىشتى، ئەرلەر قەدىمچە چېلىشىش تۈرى 66 كىلوگىراملىقلار ئايرىمىسى بويىچە جان نۇرلانقان 5-لىكنى قولغا كەلتۈردى.

  رېپىر تۆرباتۇرنىڭ قولىنى كۆتۈرۈپ يەڭگەنلىكىنى جاكارلاش بىلەن تەڭ، شىنجاڭ ئۈچۈن مەدەت بېرىۋاتقان تاماشىبىنلار چۇقان سېلىپ ئالقىشلىدى، مۇسابىقە مەيدانىدىكى تۆرباتۇرمۇ ئىككى قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ يۇقىرى ئاۋازدا توۋلاپ، قەلبىدىكى خۇشاللىقى ۋە ھاياجانىنى باسالمىدى.

  ھازىر ئالتايدا ئاساسىي قاتلام چېلىشىش تىرېنېرىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان تۆمۈربەك مۇنداق دېدى: « مەن بەك خۇشال بولدۇم، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ شۇنچە كۆپ يىللاردىن بۇيانقى ئەجرى بىكارغا كەتمىدى، بۇندىن كېيىن مەن شىنجاڭ كوماندىسى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ياخشى مايسىلارنى يەتكۈزۈپ بېرىمەن.»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر