خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-سېنتەبىر، بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى كىنو بايرىمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، جۇڭگونىڭ بېلگىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى چۈ شىڭ سۆز قىلماقتا.
كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 9-قېتىملىق ئۇچرىشىشى شيامېندا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان پەيتتە، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى كىنو بايرىمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 4-سېنتەبىر كەچتە بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدىكى جۇڭگو مەدەنىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئېچىلىش مۇراسىمىدا بەش كېسەك ئالتۇن دۆلىتىنىڭ خاسلىققا ئىگە ئالتە كىنوسى قويۇلدى، بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگونىڭ چاي سەنئىتى تونۇشتۇرۇلىدىغان ھۆججەتلىك فىلىم «جۇڭگو بەلگىسى»، مېيىپ ئادەمنىڭ تەۋەككۈلچىلىك ھېكايىسى ئىپادىلەنگەن بىرازىلىيە ھۆججەتلىك فىلىمى «دەريا ۋە قۇملۇقنىڭ ئەينىكى»، تەسىرلىك ھېكايە تەسۋىرلەنگەن رۇسىيە كارتون فىلىمى «كۈل رەڭ سايە» ۋە «لىنىيە»، ھىندىستاننىڭ يەمەندىكى مۇھاجىرلىرىنى چېكىندۈرگەن ۋەقەلىكى تەسۋىرلەنگەن «لاھاد ھەرىكىتى» ۋە ئوڭۇشسىز ئەھۋالدا قەتئىي بوشاشمايدىغان ئىرادە تەسۋىرلەنگەن جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ قىسقا فىلىمى «ۋېلسىپىتلىك ئادەم» قاتارلىقلار بار. كىنو بايرىمى 5-سېنتەبىردىن 9-سېنتەبىرگىچە داۋاملىشىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى