باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «پىكىر» بېسىپ تارقاتتى

شەھەر-بازارلارنىڭ نوپۇس زىچ رايونلىرىدىكى خەتەرلىك خىمىيىۋى بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى كۆچۈرۈپ ئۆزگەرتىلىدۇ

2017.09.05 17:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «شەھەر-بازارلارنىڭ نوپۇس زىچ رايونلىرىدىكى خەتەرلىك خىمىيىۋى بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنى كۆچۈرۈپ ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: شەھەر-بازارلارنىڭ نوپۇس زىچ رايونلىرىدىكى خەتەرلىك خىمىيىۋى بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنى كۆچۈرۈپ ئۆزگەرتىشنى يولغا قويۇش- مەملىكىتىمىزنىڭ شەھەرلەشتۈرۈش-بازارلاشتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ماسلىشىپ، شەھەر-بازارنىڭ نوپۇس زىچ رايونلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇھىت خەۋپىنى تۆۋەنلىتىشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى بولۇپ، خەتەرلىك خىمىيىۋى بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلارنىڭ بىخەتەرلىك ۋە سەھىيە مۇداپىئەسى ئارىلىقى ئۆلچەمگە يەتمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، خەتەرلىك خىمىيىۋى بۇيۇملار پەۋقۇلئاددە، زور ھادىسە يۈز بېرىشنى ئۈنۈملۈك چەكلەش، خەلقنىڭ ھاياتى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋە نېفىت خىمىيە سانائىتى كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. 2025-يىلىغا بارغاندا، شەھەر-بازارلارنىڭ نوپۇس زىچ رايونلىرىدىكى ھازىرقى بىخەتەرلىك ۋە سەھىيە مۇداپىئە ئارىلىقى تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان خەتەرلىك خىمىيىۋى بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنى شۇ جاينىڭ ئۆزىدىلا ئۆزگەرتىپ ئۆلچەمگە يەتكۈزۈلىدۇ، قېلىپلاشقان خىمىيە سانائىتى رايونىغا كۆچۈرۈلدى ياكى تاقاپ چېكىندۈرۈلىدۇ، كارخانىلارنىڭ بىخەتەرلىك ۋە مۇھىت خەۋپى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىلىدۇ.

  «پىكىر»دە ئالتە تۈرلۈك مۇھىم ۋەزىپە ئوتتۇرىغا قويۇلدى: بىرىنچىسى، ئېنىقلاش-باھالاش خىزمىتىنى يولغا قويۇش كېرەك. ھەر قايسى ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئەھۋالنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، شەھەر-بازارنىڭ نوپۇس زىچ رايونلىرىدىكى ھازىرقى بىخەتەرلىك ۋە سەھىيە مۇداپىئە ئارىلىقى تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان خەتەرلىك خىمىيىۋى بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنى بىرمۇ بىر تىزىملاپ ئەنگە ئېلىشى كېرەك. ئىككىنچىسى، كۆچۈرۈپ ئۆزگەرتىشنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزۈش كېرەك. ھەر قايسى ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ جايدىكى خەتەرلىك خىمىيىۋى بويۇم ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنى كۆچۈرۈپ ئۆزگەرتىشنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ تۈزۈپ، پىلاننى يولغا قويۇشتىن ئىلگىرى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى كېرەك. ئۈچىنچىسى، كۆچۈرۈپ ئۆزگەرتىشنى تەشكىللەپ يولغا قويۇش كېرەك. ھەر قايسى ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ كۆچۈرۈپ ئۆزگەرتىش جەريانىدا ساقلانغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا پائال ماسلىشىپ، كۆچۈرۈپ ئۆزگەرتىشنىڭ كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش-تىجارىتىگە بولغان تەسىرىنى ئەڭ چوڭ چەكتە تۆۋەنلىتىشى كېرەك. تۆتىنچىسى، كۆچۈرۈپ ئۆزگەرتىشتىكى بىخەتەرلىك، مۇھىت ئاسراشنى كۈچەيتىش كېرەك. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تۈر باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كۆچۈرۈپ ئۆزگەرتىلىدىغان كارخانىلارنىڭ ئەسلىدىكى ئورنىدا يېڭىدىن قۇرۇشنى، خەتەرلىك خىمىيىۋى بويۇملارنىڭ تۈرلىرىنى كېڭەيتىشىنى قاتتىق چەكلەپ، كارخانىلارنىڭ كۆچۈرۈپ ئۆزگەرتىش تۈرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇھىت تەسىرىنى باھالاشنى قانۇن بويىچە ئىشلەشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك. بەشىنچىسى، تۈرلۈك خەۋپ-خەتەر مەسىلىلىرىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. كۆچۈرۈپ ئۆزگەرتىش پەيدا قىلىدىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى تارقاقلاشتۇرۇش، ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق خەۋپ-خەتىرىنى باھالاشنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئالتىنچىسى، كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. كەسىپ پىلانى ۋە كەسىپ سىياسىتىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كۆچۈرۈپ ئۆزگەرتىشنى قوشۇۋېلىپ قايتا تەشكىللەش، قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شاللاش، خىزمەت ھالقىسىنى قايتا لايىھىلەش، تەشكىلىي قۇرۇلمىنى تەڭشەش، كۇرسلۇق مەھسۇلات يارىتىش قاتارلىقلار بىلەن ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ بازار رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر