باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ باراۋەر سۆزلىشىش ئارقىلىق ئالاقىدار مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى

2017.09.05 14:43         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ تۈنۈگۈن قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا ئامېرىكىنىڭ رۇسىيە ھۆكۈمىتىدىن سانفىرانسېسكودا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى قاتارلىق دىپلوماتىيە ئاپپاراتلىرىنى تاقاشنى تەلەپ قىلغانلىقى ھەققىدە سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە دۇنيادىكى تەسىرى كۈچى بار چوڭ دۆلەتلەر،دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداش جەھەتتە مۇھىم مەسئۇلىيىتى بار، بىز ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ خەلقئارا قانۇندىكى ئاساسى پىرىنسىپلارغا ئەمەل قىلىپ، ئالاقىدار مەسىلىلەرنى ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش روھى بىلەن سۆزلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  گېڭ شۇاڭ مۇنداق دېدى: ھەرقايسى دۆلەتلەر «ۋېنا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئەھدىنامىسى»،«ۋېنا كونسۇل مۇناسىۋىتى ئەھدىنامىسى» قاتارلىق خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا قائىدىگە ئاساسەن ئۆز دۆلىتىدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتىيە ۋە كونسۇل ئاپپاراتلىرى ھەمدە ئۇنىڭ خادىملىرىنىڭ نورمال ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر