باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ چۆچەك ئايرودۇرۇمىدا 10-سېنتەبىر ئاۋىياتسىيە قاتنىشى ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ

2017.09.05 16:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قاتناش توختىغىلى تۆت ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت بولغان چۆچەك ئايرودۇرۇمىدا 10-سېنتەبىر مۇددەتتىن بۇرۇن ئاۋىياتسىيە قاتنىشى ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ. نۆۋەتتە، بېلەت سېتىش تورىدا شۇ كۈندىكى ئۈرۈمچىدىن تارباغاتايغا ئۇچىدىغان ئايروپىلان بېلىتىنىڭ ئېتىبار قىلىنغاندىن كېيىنكى باھاسىنىڭ 360 يۈەن (%70 ئېتىبار قىلىنغاندىن كېيىن) ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. چۆچەك ئايرودۇرۇمى چۆچەك شەھىرىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان بولۇپ، شەھەر مەركىزىگە 28 كېلومىتىر 500 مېتىر كېلىدۇ. بۇ ئايرودۇرۇمدا 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ قاتناش توختىتىلىپ ئۇچۇش يولىنى رېمونت قىلىش، باشقا كېڭەيتىپ سېلىش تۈر قۇرۇلۇشى يولغا قويۇلغان بولۇپ، ئەسلىدىكى پىلاندا 30-سېنتەبىر ئۇچۇش ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى پىلانلانغان.

  مۇخبىرنىڭ جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ تارماق شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 10-سېنتەبىر يەنىلا يازلىق توشۇشنىڭ يۇقىرى پەللىسى بولسىمۇ، يەنىلا چۆچەك شەھىرىدىن ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى باشقا جايلارغا بېرىشتا ئېتىبار باھا يولغا قويۇلغان. مەسىلەن، چۆچەك شەھىرىدىن بېيجىڭغا بېرىش ئايروپىلان بېلىتى 1960 يۈەن، شاڭخەيگە بېرىش ئايروپىلان بېلىتى 2370 يۈەن، چېڭدۇغا بېرىش ئايروپىلان بېلىتى 1880 يۈەن ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر