- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئۈچ تارماق پارتىيە قۇرۇلۇشى پائالىيەت خىراجىتىدىن شەخسىي ياردەم پۇلى ئاجرىتىشقا يول قويماسلىق توغرىسىدىكى باشقۇرۇش چارىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى
2017.09.05 17:16 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. مالىيە مىنىستىرلىقى، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمىتى كومىتېتى، مەركەز دۆلەت ئورگانلىرى خىزمىتى كومىتېتى يېقىندا بىرلىشىپ «مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى پائالىيەت خىراجىتىنى باشقۇرۇش چارىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «چارە» دېيىلىدۇ) نى بېسىپ تارقاتتى. «چارە» دە پارتىيە قۇرۇلۇشى پائالىيەت خىراجىتىدىن چىقىم قىلىش دائىرىسى، ئۆلچىمى ۋە پائالىيەتكە تەشكىللەش ئۇسۇلى توغرىسىدا قاتتىق بەلگىلىمە چىقاردى. مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: پارتىيە قۇرۇلۇشى پائالىيەت خىراجىتى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشتا شەكىللەنگەن بىۋاسىتە چىقىم بولۇپ، قاتناش ياردەم پۇلى ۋە تاماق ياردەم پۇلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قانداق شەكىلدىكى شەخسىي ياردەم پۇلى قىلىپ ئاجرىتىشقا يول قويۇلمايدۇ. پارتىيە قۇرۇلۇشى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشتا، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سۇبيېكىتلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۆز ئالدىغا تەشكىللەپ، شۇ جاينىڭ شارائىتىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئامال بار كوللېكتىپ سەپەر قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش شەرت. دائىمىي تۇرۇشلۇق جايدىن باشقا جايلارغا بېرىپ پارتىيە قۇرۇلۇشى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشتە، پىرىنسىپ جەھەتتىن ئىككى يىلدا بىر قېتىمدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، ئادەتتە ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشقا يول قويۇلمايدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر