خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 4-سېنتەبىر شيامېندا «كېسەك ئالتۇن» دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى بىلەن سودا-سانائەت كېڭىشى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ۋە مۇھىم سۆز قىلدى، بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى تېمېر، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، ھىندىستان زۇڭلىسى مودى، جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى زۇما بىرگە قاتناشتى.
سودا-سانائەت كېڭىشى، يېڭى تەرەققىيات بانكىسى ۋەكىللىرىنىڭ بۇ ئىككى ئاپپاراتنىڭ خىزمەت ئەھۋالىدىن بەرگەن دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: سودا-سانائەت كېڭىشى، يېڭى تەرەققىيات بانكىسى خىزمەتلەردە مۇھىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، بىز بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇق. سودا-سانائەت كېڭىشى ئېلېكتىرونلۇق سودا، تېخنىكا تەرەققىياتى، ئۆلچەم تۈزۈش، رەقەملىك ئىقتىساد تەجرىبىسىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇش قاتارلىق ساھەلەردە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. يېڭى تەرەققىيات بانكىسى يېڭى تۈرلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئافرىقا رايونىنىڭ مەركىزىدە يېڭىدىن تىجارەت باشلاپ، باش ئىشتاب بىناسىغا ئۇل سېلىپ، كەسپىي تىجارەت ۋە مېخانىزم قۇرۇلۇشىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى قەدەم تاشلىدى. ھازىر، «كېسەك ئالتۇن» دۆلەتلىرىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىساد ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشتە دۇچ كەلگەن پۇرسەت ۋە خىرىس تەڭ مەۋجۇت بولۇپ، ئۇنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكى ئاشماقتا. سودا-سانائەت كېڭىشى ۋە يېڭى تەرەققىيات بانكىسىنىڭ بۇ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى «كېسەك ئالتۇن» دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە يوشۇرۇن كۈچىنى نامايان قىلدى. ئىككى ئاپپاراتنىڭ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرغانلىقىنى قۇتلۇقلايمەن.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى