باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن 4000 ئوقۇغۇچى ئىچكىرىگە تەربىيەلىنىشكە تاللاپ ئەۋەتىلىدۇ

2017.09.06 16:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل، ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغان 4000 ئوقۇغۇچى ئىچكىرىگە تەربىيەلىنىشكە ئەۋەتىلىپ، تەربىيەلىنىش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، دۆلەت كارخانىلىرى ۋە مەركەز كارخانىلىرىغا نۇقتىلىق يۈزلەندۈرۈلۈپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل تاللاپ ئىچكىرىگە ئەۋەتىلىپ تەربىيەلىنىدىغان 4000 ئىستۇدېنت ئاساسلىقى پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى ئاساسىي گەۋدە قىلىنىدىغان بولۇپ، ئۇلار يېرىم يىلدىن بىر يىلغىچە تەربىيەلىنىدىكەن، تەربىيەلەش مەزمۇنى كەسپىي بىلىم ۋە ماھارەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن ھەمدە كونكرېت ئىش ئورنىدا ئەمەلىي چېنىقتۇرۇش ئارقىلىق ئىش ئورنىغا ماسلىشىش ئىقتىدارى ۋە كەسپىي ماھارەت ئىقتىدارى ئورتاق ئۆستۈرۈلىدىكەن.

  تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى، بۇ يىل ئىچكىرىدە تەربىيەلىنىدىغان ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا، مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق كارخانىلىرى، شىنجاڭغا كىرگەن چوڭ كارخانىلار ۋە پۇقراۋىي كارخانىلارغا نۇقتىلىق يۈزلەندۈرۈلىدۇ. ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كارخانىلاردا ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، شىنجاڭدىكى يۇقىرىقى 20دىن ئارتۇق ھەر خىل كارخانىلاردا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن 6000دىن ئارتۇق ئىش ئورنى يارىتىپ بېرىلدى.

  2015-يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون بويىچە ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن 9561 ئوقۇغۇچى ئىچكىرىگە تەربىيەلىنىشكە ئەۋەتىلدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى 5897 ئوقۇغۇچى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەرلەردە تەربىيەلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر