باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ب د ت ئاپپاراتىنىڭ دوكلاتىدا 5000 يەمەن پۇقراسى توقۇنۇشتا قازا قىلدى، دېيىلدى

2017.09.06 16:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-ئاينىڭ 25-كۈنى، يەمەن پايتەختى سانادا، كىشلەر ھاۋا ھۇجۇمىدا ۋەيران بولغان ئۆيلەرنىڭ خىش-كېسەكلىرى ئارىسىدا ئامان قالغانلارنى ئىزدىمەكتە.

  ب د ت ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك مەخسۇس ئەمەلدارى ئىشخانىسىنىڭ 5-سېنتەبىر ئېلان قىلغان دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2015-يىلى 3-ئايدا يەمەندە توقۇنۇش ئەۋجىگە چىققاندىن بۇيان، 5000دىن كۆپرەك پۇقرا قازا قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە بالىلارنىڭ نىسبىتى بەشتىن بىر ئۈلۈشتىن ئارتۇق بولغان.

  دوكلاتتا، بۇ يىل 8-ئاينىڭ 30- كۈنىگە قەدەر، ب د ت نىڭ ئالاقىدار ئاپپاراتى ئاز دېگەندە 5144 پۇقرانىڭ يەمەندىكى توقۇنۇشتا قازا قىلغانلىقىنى، يەنە ئاز دېگەندە 8749 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى خاتىرىلەنگەنلىكى ئېيتىلدى. قازا قىلغان ۋە يارىلانغان يەمەن پۇقرالىرى ئىچىدە، ئايرىم-ئايرىم 1184 ۋە 1541 بالا بار ئىكەن.

  دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: يەمەندىكى توقۇنۇشۇۋاتقان ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئىنسانىي ھوقۇققا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشى مەۋجۇت، بۇنىڭ ئىچىدە سەئۇدى ئەرەبىستانى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيەسىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدا قازا قىلغان پۇقرالارنىڭ سانى ئەڭ كۆپ. بۇندىن باشقا، توختىماي داۋاملاشقان زوراۋانلىق توقۇنۇشى يەنە بىر قىسىم ئەسەبىي تەشكىلاتلارنىڭ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ كىرىشىنى ھەم تېز تەرەققىي قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، بۇنىڭ بىلەن يەمەن ۋەزىيىتى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر