خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9-ئاينىڭ 5-كۈنى شيامېن خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر قايسى تەرەپلەر ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئوچۇق دۇنياۋى ئىقتىسادنى بىرلىكتە بەرپا قىلىپ، 2030-يىلىغىچە بولغان ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئورتاق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قۇرۇلمىسى تەڭشىلىۋاتقان تارىخىي پۇرسەتنى ئورتاق ئىگىلەپ، كەڭ دائىرىلىك تەرەققىيات ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئورتاق ئورنىتىپ، قول تۇتۇشۇپ ئادىل، ئوچۇق، ئەتراپلىق بولغان، يېڭىلىق يارىتىدىغان تەرەققىيات يولىنى ئېچىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.
«كېسەك ئالتۇن» دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى تېمېر، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، ھىندىستان زۇڭلىسى مودى، جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى زۇما ۋە سۆھبەت يىغىنىغا تەكلىپ قىلىنغان دۆلەت رەھبەرلىرىدىن مىسىر زۇڭتۇڭى سىسى، گىۋىنىيە زۇڭتۇڭى كوندې، مېكسىكا زۇڭتۇڭى پېنا، تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راھمان، تايلاند زۇڭلىسى پىرايۈ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرى «ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش-ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش» باش تېمىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا، 2030-يىلىغىچە بولغان ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، «ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش»، «كەڭ دائىرىلىك تەرەققىيات ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش» توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، خەلقئارا تەرەققىيات ھەمكارلىقى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر(جەنۇب-جەنۇب) ھەمكارلىقى پىلانىنى بىرلىكتە كېڭىشىپ، مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.
شى جىنپىڭ چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە، يىغىننىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.
شى جىنپىڭ ئارقىدىنلا «ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش-ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرەيلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «كېسەك ئالتۇن» دۆلەتلىرى رەھبەرلەرنىڭ ئۇچرىشىشى مەزگىلىدە، باشقا گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى تەكلىپ قىلىپ، پىكىر ئالماشتۇردى، بۇ خىل سۆھبەتلىشىش گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىگە، «كېسەك ئالتۇن» مېخانىزمىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى ئەسىرگە قەدەم قويغاندىن بۇيان، گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئومۇميۈزلۈك قەد كۆتۈرۈپ، توسقىلى بولمايدىغان دەۋر دولقۇنىغا ئايلاندى. يېڭى ۋەزىيەتتە جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىرگە بولۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، پايدىلىق تەرەققىيات مۇھىتىنى بىرلىكتە يارىتىپ، تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى