- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىشتا شىنجاڭ تۆمۈريول قاتنىشىدا 820 مىڭ 200 ئادەم قېتىم توشۇلدى
2017.09.06 16:26 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-سېنتەبىر مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭ تۆمۈريولىدا جەمئىي توشۇلغان يولۇچى 820 مىڭ 200 ئادەم قېتىمغا يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، بىۋاسىتە يەتكۈزۈلگىنى 198 مىڭ 800 ئادەم قېتىمغا، باشقۇرۇش ئىچىدىكى يەتكۈزۈلگىنى 621 مىڭ 400 قېتىمغا يەتكەن. يولۇچى توشۇشنىڭ يۇقىرى مەزگىلى 31-ئاۋغۇست، 1-سېنتەبىر، 2-سېنتەبىردە كۆرۈلگەن بولۇپ، بۇ ئۈچ كۈندە شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ ھەر كۈنلۈك توشۇش مىقدارى 140 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەن.
ئىگىلەشكە قارىغاندا، شىنجاڭ تۆمۈر يولىنىڭ قۇربان ھېيتلىق دەم ئېلىش يولۇچى توشۇش مەزگىلى 31-ئاۋغۇستتىن 5-سېنتەبىرگىچە ئالتە كۈن داۋاملاشقان. ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسى، ئۈرۈمچى جەنۇبىي پويىز ئىستانسىسىدىن ئىبارەت بىر شەھەردىكى ئىككى ۋوگزالنىڭ يولۇچى ئۇزۇتۇش مىقدارى 67 مىڭ 316 ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %36.4 ئاشقان. غۇلجا پويىز ئىستانسىسىنىڭ بىر كۈنلۈك يولۇچى ئۇزۇتۇش مىقدارى 10 مىڭ 294 ئادەم قېتىمغا يېتىپ، تۇنجى قېتىم 10 مىڭ ئادەم قېتىملىق ئۆتكەلنى بۇزۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %26.9 ئاشقان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر