باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تاۋۇز چاغىنى ۋە دۆلەت بايرىمىدا سەككىز كۈن ئۇلاپ دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ

10- ئاينىڭ 9- كۈنىدىن باشلاپ خىزمەت قىلىنىدۇ

2017.09.06 14:49   مەنبە: خەلق تورى

تاۋۇز چاغىنى ۋە دۆلەت بايرىمىدا سەككىز كۈن ئۇلاپ دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى 9- ئاينىڭ 5- كۈنى ھۆكۈمەت تور بېكىتىنىڭ پايتەخت كۆزنىكىدە «2017 ـ يىللىق تاۋۇز چاغىنى ۋە دۆلەت بايرىمى دەم ئېلىش كۈنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»نى ئېلان قىلدى، 10- ئاينىڭ 1- كۈنى (يەكشەنبە)دىن 10- ئاينىڭ 8- كۈنى (يەكشەنبە)گىچە جەمئىي سەككىز كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، 9- ئاينىڭ 30 - كۈنى (شەنبە) نورمال خىزمەت قىلىنىدۇ.

  مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتىكى تەلەپ تۆۋەندىكىچە: بايراملىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە جايلار، تارماقلار دىجورنىلىق، بىخەتەرلىك ۋە قوغداش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشى، زور تاسادىپىي ۋەقە يۈز بېرىپ قالسا، بەلگىلىمە بويىچە ۋاقتىدا دوكلات قىلىشى، ھەمدە مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشى، خەلق ئاممىسىنىڭ بايرامنى تىنچ-ئامان ۋە خۇشال ئۆتكۈزۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك .

  بۇنىڭدىن باشقا، قاتناش مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يىل تاۋۇز چاغىنى بىلەن دۆلەت بايرىمى ئۇلاپ دەم ئېلىنىدۇ. شۇڭا، يولغا قويۇش لايىھەسىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، تاۋۇز چاغىنى كۈنىدە دۆلەت بايرىمى قاتارىدا ئۇلاپ دەم ئېلىنىپ، ھەقسىز يۈرۈشنى يولغا قويۇش كېرەك. مۇشۇلارغا ئاساسەن، بۇ يىل دۆلەت بايرىمىدا كىچىك تىپلىق يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرىنىڭ ھەقسىز يۈرۈش ۋاقتى 9- ئاينىڭ 30- كۈنى سائەت 0دىن 10- ئاينىڭ 7- كۈنى سائەت 0 گىچە بولۇش كېرەكلىكى بىر تۇتاش ئېنىق بېكىتىلگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن 4000 ئوقۇغۇچى ئىچكىرىگە تەربىيەلىنىشكە تاللاپ ئەۋ…
    ·2018- يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بېرىشنىڭ دەسلەپكى ئىمتىھان ۋاقتى بېكىتىلدى
    ·بەش جۈپ قوشكېزەك نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىگە قوبۇل قىلىندى 
    ·دۆلىتىمىزنىڭ كەسپىي مائارىپ دۆلەت ئوقۇتۇش ئۆلچىمى سىستېمىسىنىڭ رامكىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى
    ·ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يېزىلاردا يېڭىدىن سېلىنغان 4408 يەسلى قۇرۇلۇشى ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇپ بېرىلدى
    ·بىر تۈركۈم يېڭى بەلگىلىمىلەر 9-ئايدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ
    ·ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 324 يەسلىدە ھەقسىز يەسلى مائارىپى يولغا قويۇلىدۇ
    ·1-سېنتەبىردىن باشلاپ مەملىكەت بويىچە ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەردە بىر تۇتاش تۈزۈلگەن ئەخلاق ۋە قا…
    ·شىنجاڭدا ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھانسىز ھالدا تونۇشتۇرۇپ قوبۇل قىلىش سالاھىيىتىنى ھازىرلىغان ئ…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى بېسىپ تارقاتقان پىكىردە: شەرقىي رايوندىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوتتۇرا، غەربىي ر…