باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىللىق قەلبتىن تۈكۈلگەن مېھىر

2017.09.06 16:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قەھرىمان تۆمۈر خەۋىرى) 8-ئاينىڭ 30–كۈنى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مالىيە ئىدارىسى، مائارىپ ئىدارىسى، شەھەرلىك پارتكوم پارتىيە مەكتىپى، ئارخىپ ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلاردىن ئاقسۇ شەھىرىنىڭ قىزىلكۆۋرۈك كوچا باشقارمىسى توقاي مەھەللىسىگە چۈشكەن «ئۈچ ئەل» خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر تەۋەلىكىدىكى ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئاھالىلەر، قىيىنچىلىقى بار ئامما، نامرات پارتىيە ئەزالىرى، نەمۇنىچى ئاھالىلەردىن بولۇپ 50 ئائىلىنى ئۇن، گۈرۈچ، ياغ قاتارلىق 10 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى ماددىي بۇيۇم بىلەن ھال سورىدى .

  بۇ قېتىمقى ھال سوراش پائالىيىتى ئادەتتىكىدىن ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئالدى بىلەن كۆپچىلىككە يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى پارتىيەنىڭ خەلقكە يەتكۈزگەن ئىللىقلىقى ئەمەلىي، جانلىق پاكىتلار بىلەن سۆزلەپ ئۈتۈلۈپ، نۆۋەتتىكى «ئۈچ خىل» كۈچلەرگە قارشى كۈرەشنىڭ زۆرۈرلىكى، ماھىيىتى ۋە ئەھمىيىتى ھەققىدە نۇقتىلىق توختىلىپ، ئۇلار «ئۈچ خىل» كۈچلەرگە قارشى كۈرەشتىكى نەمۇنىچىلاردىن بولۇش، جەمئىيەتتە ئاكتىپ ئېنېرگىيە تارقىتىپ، زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى تۇلۇق ئادا قىلىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشتىكى ئاكتىپ كۈچلەردىن بولۇشقا چاقىرىق قىلىندى.

  كۆپچىلىك بىردەك، ئۆزلىرىنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاددى بىر پۇقراسى بولۇش سۈپىتى بىلەن يۇرتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى باشتىن – ئاخىر چىڭ ساقلاپ، تىنىچ، ئىتتىپاق بولغان ياخشى ۋەزىيەت يارىتىپ، گۈزەل يۇرت – ماكان قورۇش كۈرۈشىگە پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلىنىدىغانلىقىنى، «ئۈچ خىل» كۈچلەر بىلەن ئاداققىچە كۈرەش قىلىپ، تىنچ، ئىتتىپاق بولغان ياخشى ۋەزىيەت بەرپا قىلىشتا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر