باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئىقتىساد-سودا ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتمەكتە

2017.09.07 15:22         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو بىلەن ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورناتقان پارس قولتۇقىدىكى تۇنجى ئەرەب دۆلىتى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جۇڭگو بىلەن بولغان ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئۈزلۈكسىز تېزلىتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردە مول نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. بولۇپمۇ «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسى بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ تەرەققىيات ئىدىيەسى ناھايىتى ماس كېلىپ، ئىككى دۆلەت ئىقتىساد-سودا ساھەسىدىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇردى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى جۇڭگونىڭ بۇ رايوندا «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشىدىكى مۇھىم شېرىكىگە ئايلانماقتا.

  ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئۇدا كۆپ يىل جۇڭگونىڭ غەربىي ئاسىيا شىمالىي ئافرىقا رايونىدىكى ئىككىنچى چوڭ سودا شېرىكى ۋە بىرىنچى چوڭ ئېكسپورت بازىرى بولۇپ كەلدى. ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ئۇلىشىدۇ، «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسى بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئوتتۇرىغا قويغان «يىپەك يولىنى قايتا جانلاندۇرۇش» ئىدىيەسى ناھايىتى ماس كېلىدۇ.

  ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى سۇلتان جەبىر مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئەندىزىسى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە ئەينەك بولدى. ئىككى دۆلەتنىڭ سودا، تىنچلىق ۋە گۈللىنىشنىڭ باغلىنىشىغا بولغان ئىدىيەسى ئوخشاش. بۇ ئىككى تەرەپنىڭ پىلاننى ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشىغا پايدىلىق، ئىككى تەرەپلىك سودا سوممىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقانلىقى بۇنىڭ ئەڭ ياخشى ئىپادىسى.

  ئالاقىدار ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 30 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ يىللىق سودا سوممىسى 63 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن كۆپىيىپ 50 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.

  2015-يىلى 4-ئايدا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئاسىيا سېلىنما بانكىسىغا قۇرغۇچى ئەزا دۆلەتلىك سالاھىيىتى بىلەن قاتناشتى. 2015-يىلى 12-ئايدا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئەبۇزەبى تەخت ۋارىسى مۇھەممەد جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە جۇڭگو رەھبەرلىرى بىلەن مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ئىككى تەرەپ بىر قاتار ھەمكارلىق كېلىشىملىرىنى ئىمزالىدى. 2016-يىلى 11-ئايدا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى جۇڭگو پۇقرالىرىغا ۋىزىسىز چېگرادىن كىرىش ئىجازىتىنى بەردى.

  جۇڭگونىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى باش ئەلچىخانىسى ئىقتىساد-سودا باشقارمىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى خې سۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئىككى دۆلەت مەركىزىي بانكىلىرى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ساھەسىدە 2015-يىلى 12-ئايدا ئۆز پۇللىرىنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنى ئۇدا ئىمزالىدى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە خەلق پۇلى راسچوتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ھەمكارلىق ئەسلەتمىسى ئىمزالىدى ھەمدە خەلق پۇلى لاياقەتلىك چەتئەل ئاپپاراتلىرى مەبلەغ سالغۇچىلىرى سىناق نۇقتىسىنى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگىچە كېڭەيتىشكە قوشۇلدى؛ 2016-يىلى 9-ئايدا، جۇڭگو يىراق ئوكيان دېڭىز تىرانسپورت گۇرۇھى شىركىتى ئەبۇزەبى خەلىفە پورتى 2-نومۇرلۇق پىرىستانىنىڭ 35 يىللىق ئالاھىدە تىجارەت ھوقۇقىغا ئېرىشتى.

  2017-يىلى 2-ئايدا، جۇڭگو نېفىت-تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتى بىلەن خۇاشىن ئېنېرگىيە گۇرۇھى شىركىتى ئەبۇزەبى قۇرۇقلۇق نېفىت رايونىنىڭ %12، 40 يىللىق پايدىسىغا ئېرىشتى، بۇمۇ جۇڭگونىڭ نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى ئەرەب دۆلەتلىرىدە تۇنجى قېتىم شۇ جايدىكى دۆلەتلىك نېفىت شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ مەبلەغ سالغۇچىغا ئايلىنىشى. بۇندىن باشقا، جياڭسۇ ئۆلكىسى ئەبۇزەبىدە جۇڭگو-ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئۈلگىلىك رايونى تۈرىنى پائال ئىشلەۋاتىدۇ.

  ئەنئەنىۋى ئەۋزەل ساھەلەردە، 2016-يىلى 6-ئايدا، جۇڭگونىڭ خاربىن ئېلېكتىرو گۇرۇھى، يىپەك يولى فوندى ئوتتۇرا شەرقتىكى تۇنجى پاكىزە كۆمۈر ئېلېكتىر تۈرىگە مەبلەغ سالغۇچىلىق سالاھىيىتى بىلەن قاتناشتى. 2017-يىلى 2-ئايدا، جىڭكې ئېنېرگىيە پاي كونترول چەكلىك شىركىتى ياپونىيە كارخانىسى بىلەن بىرلىكتە ئەبۇزەبىدىكى بىر يورۇقلۇق ۋولت ئېلېكتىر تۈرىگە خېرىدار بولدى؛ جۇڭگو بىناكارلىق قۇرۇلۇشى باش شىركىتى ئوتتۇرا شەرق شىركىتى كۆپ يىل تىرىشىپ، سىمۋوللۇق بىرقانچە تۈر ئارقىلىق رايون ۋە خەلقئارا شۆھرەتكە ئېرىشىپلا قالماستىن، ئىمارەت تىجارىتىدىن ئۆي-مۈلۈك تىجارىتىگە تىپ ئۆزگەرتىشنى باشلىدى. جۇڭگو خۇاۋېي شىركىتى يېڭىلىق يارىتىش تەتقىق قىلىپ ياساش، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش، ماركا يارىتىش، ئۈچىنچى دۆلەت بازىرىنى ئېچىش جەھەتتە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلىدى.

  گۈللىنىۋاتقان ھەمكارلىق ساھەلىرىدە، جۇڭگودىكى تۆت چوڭ دۆلەت ئىلىكىدىكى سودا بانكىسى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە يەتتە تارماق ئاپپارات قۇرۇپ، شۇ جاينىڭ پۇل-مۇئامىلە سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ خەلق پۇلى ۋە ئامېرىكا دوللىرى زايومى تارقاتتى ھەمدە جۇڭگو مەبلىغى ئاپپاراتلىرى ۋە شۇ جايدىكى كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىگە مەدەت بەردى؛ 2016-يىلى 11-ئايدا، خەينەن ئاۋىياتسىيە گۇرۇھى بىلەن ئەبۇزەبى مۇبادالا مەبلەغ سېلىش شىركىتى مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىش چۈشىنىش ئەسلەتمىسى ئىمزالىدى، ئەلىبابا بۇلۇت سۇپىسى دۇبەي سانلىق مەلۇمات مەركىزىمۇ پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى؛ 2017-يىلى 2-ئايدا ئىخاڭ 184 تىپلىق ئاپتوماتىك ئۇچقۇ دۇبەيدە سىناق قىلىپ ئۇچتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر