باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئىشخانىسى يېمەكلىك ۋە ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىدىكى ئالدامچىلىق ۋە ساختا تەشۋىقاتنى تۈزەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، «تۆتتە ئەڭ قاتتىق بولۇش»نى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى

2017.09.07 14:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېمەكلىك ۋە ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىدىكى ئالدامچىلىق ۋە ساختا تەشۋىقات ئۇزاقتىن بۇيان ساقلىنىپ كېلىۋاتقان مەسىلە بولۇپ، پۇقرالار قاتتىق نەپرەتلەنمەكتە. گوۋۇيۈەن يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بى جىڭچۈەن يېقىندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېمەكلىك ۋە ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىدىكى ئالدامچىلىق ۋە ساختا تەشۋىقاتنى تۈزەپ، «تۆتتە ئەڭ قاتتىق بولۇش» تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇقرالارنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش لازىم.

  بى جىڭچۈەن يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەت بويىچە يېمەكلىك ۋە ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىدىكى ئالدامچىلىق ۋە ساختا تەشۋىقاتنى تۈزەش خىزمىتى تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنىدا مۇنداق دېدى: ساختا ئورگانىك ئىسپات بېرىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئورگانىك يېزا ئىگىلىكىگە زىيان يەتكۈزۈشىگە بولمايدۇ. ئورگانىك يېمەكلىكلەر چوقۇم ئىسـمى جىسـمىغا مـاس كېلىشى، ياخشى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتتا ئىشلەنگەن بولۇشى كېرەك. تەكشۈرۈلگەندە دېھقانچىلىق دورىسى، چارۋىچىلىق دورىسى تېپىلسا بولمايدۇ. يېشىل يېمەكلىكلەرگە چوقۇم ئىشلەپچىقىرىش قائىدىسىدىكى تەلەپ بويىچە، بەلگىلىمىدە بېكىتىلگەن خىمىيەۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىسى، چارۋىچىلىق دورىسى چەكلىك ئىشلىتىلىشى ياكى خىمىيەلىك ماددىلار ئىشلىتىلمەسلىكى كېرەك.

  بى جىڭچۈەن مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: زىيانسىز يېمەكلىك ئىچىدە، ئىشلىتىشكە بولىدىغان دېھقانچىلىق دورىسى، چارۋىچىلىق دورىسى قالدۇقى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى لازىم، ئېغىر مېتاللار ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىشكە بولمايدۇ. بارلىق سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىدىكى يېمەكلىك خەتكۈچى ۋە چۈشەندۈرۈلىشىدە ئېنىق، توغرا، ئەينەن كۆرسىتىلىشى، ھەرقانداق ساختىلىق بولماسلىقى كېرەك. ساغلاملىق يېمەكلىكلىرىدە ئېيتىلغان ئىقتىدارلىرىنىڭ ئىلمىي ئاساسى بولۇشى كېرەك. بارلىق يېمەكلىك ۋە ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ئېلانى، تەشۋىقات قوللانمىسى، ئۈن- سىن، يىغىن لېكسىيەسىدىكى مەزمۇنلار خەتكۈچتىن چەتلەپ كەتمەسلىكى كېرەك، چۈشەندۈرۈش قوللانمىسىدا كۆرسىتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش رولىغا چېتىلىشى قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر