باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ تەكلىپكە بىنائەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ بىلەن تېلېفونلاشتى

2017.09.07 15:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 9-ئاينىڭ 6-كۈنى تەكلىپكە بىنائەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈلىۋاتىدۇ. ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيە، خەۋپسىزلىك ۋە ئىقتىساد كوللېكتىپلىرى قويۇق ئالاقىنى ساقلاۋاتىدۇ، ئىككى تەرەپ تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئامېرىكا جەمئىيەت ۋە ئادىمىيەت سۆھبىتى، قانۇن ئىجراسى ۋە تور بىخەتەرلىكى سۆھبىتىگە تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ. جۇڭگو زۇڭتۇڭ ئەپەندىنىڭ بۇ يىل جۇڭگوغا قىلىدىغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئىككى تەرەپ كوللېكتىپلىرىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، زىيارەتنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ترامپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلايمەن، چوڭ-چوڭ خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە ماسلىشىشنى كۈچەيتىش ئىنتايىن مۇھىم. مەن بۇ يىل جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇشنى ھەم رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن يەنە ئۇچرىشىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ئىككى دۆلەت رەھبىرى ھازىرقى چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتى توغرىسىدا نۇقتىلىق پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قەتئىي كۈچەپ، خەلقئارا يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتىۋەتمەسلىك سىستېمىسىنى قوغدايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى باشتىن-ئاخىر قەتئىي قوغداپ، مەسىلىنى سۆزلىشىش ۋە كېڭىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرىمىز. مەسىلىنى تىنچ ھەل قىلىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا، سۆھبەتلىشىش، سۆزلىشىش، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىشقا تايىنىپ، مەسىلىنى تەلتۆكۈس ھەل قىلىش يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىمىز.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر