«تەكلىماكاندىكى ناغرا ساداسى» بېيجىڭ «خەلق» سارىيىدا تۇنجى قېتىم قويۇلدى. (ماتېرىيال سۈرەت)
14-نۆۋەتلىك مەنىۋىي مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى «بەش بىر قۇرۇلۇشى» (2014-2017) غا كىرگۈزۈلگەن ئەسەرلەر 6-سېنتەبىر ئېلان قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى يوللىغان «تەكلىماكاندىكى ناغرا ساداسى» ناملىق كىنو بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان 67 ئەسەر ئىچىدىن ئورۇن ئالدى.
67 ئەسەر ئىچىدە 7 ئەسەر ئالاھىدە مۇكاپات، 60 ئەسەر مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بولۇپ، 60 مۇنەۋۋەر ئەسەر ئىچىدە 11 كىنو ئەسىرى بار. بۇنىڭ ئىچىدە «تەكلىماكاندىكى ناغرا ساداسى»، «جەڭ بۆرىسى 2»، «يۈز تۈەن ئۇرۇشى»، «مېكونگې دەرياسى ھەرىكىتى» قاتارلىق كۆرۈرمەنلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن ۋە بېلەت كىرىمىدە رېكوت ياراتقان كىنولارمۇ بار.
«تەكلىماكاندىكى ناغرا ساداسى» دا شىنجاڭدىكى قاينام-تاشقىنلىققا تولغان رېئال تۇرمۇش ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت كادىرلار پائال قاتنىشىۋاتقان، ئامما ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان « ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمىتى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنىپ، قايتا-قايتا پىششىقلاپ ئىشلەش ئارقىلىق خىزمەت ئەترىتى، كەنت كادىرلىرى ۋە ئاممىنىڭ ئوبرازى مۇۋەپپەقىيەتلىك يارىتىلغان.